چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئېلېكتر ئىلمىدە كۇلون دەپ ئاتالغان نۇرغۇن ئاتالغۇلار بار، مەسىلەن: زەرەت مىقدارىنىڭ بىرلىكى «كۇلون»، زەرەتلەر ئارىسىدىكى تەسىر كۈچى ھەققىدىكى كۇلون قانۇنى، كۇلون تولغانما تارازا تەجرىبىسى قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى فرانسىيە لىك ئالىم كۇلون (1736 -1806) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :كۇلون

خەنزۇچە ئىسمى :夏尔·奥古斯丹·库仑(查利·奥古斯丁·库仑)

دۆلەت تەۋەلىكى :فرانسىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1736-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1806-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى

كەسپى :فىزىكا ئالىمى، ئىنژېنېر

چەتئەلچە نامى :Charles-Augustin de Coulomb

ئاساسلىق تۆھپىسى :كۇلون قانۇنى

تەتقىقات ھاياتى

كۇلون 18-ئەسىردىكى چوڭقۇر مەلۇماتلىق فىزىك، شۇنداقلا ئەينى چاغدا ياۋروپادىكى داڭلىق ئىنژېنېرلارنىڭ بىرى. ئۇ نازۇك تەجرىبىلەرنى لايىھىلەشكە ماھىر، پىششىق تەجرىبە تېخنىكىسى ۋە ماھارىتىگە ئىگە، مۇشۇ ئارقىلىق توغرا تەجرىبە سانلىرىغا ئېرىشىپ، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئېچىپ بەرگەن. 1781-يىلى، ئۇ سۈركىلىش كۈچى بىلەن بېسىم كۈچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بايقاپ، سۈركىلىش قانۇنى، دومىلىما ھەرىكەت قانۇنى ۋە سىيرىلما ھەرىكەت قانۇنىنى بايان قىلغان. بولۇپمۇ، 1773-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇكاپات تەسىس قىلىپ، كېمىگە ئىشلىتىلىدىغان كومپاسقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى قوبۇل قىلغاندا، كۇلون ماگنىت ستاتىك كۈچ ۋە ئېلېكتر ستاتىك كۈچنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، ئۇ كومپاس ئسترېلكىسى ئىنچىكە تىرەك ئۈستىگە قوندۇرۇلغاندا، سۈركىلىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، خاتالىق پەرقى پەيدا بولىدۇ دەپ قاراپ، كومپاس يىڭنىسىنى ئىنچىكە سىم ياكى مەشۇت بىلەن ئېسىش ئارقىلىق سۈركىلىشنى تۆۋەنلىتىپ، بۇ قىيىن تېمىنى ھەل قىلغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەشۇت ياكى مېتال يىپچە تولغانغاندا تولغىنىش كۈچى بىلەن ئىسترېلكىنىڭ ئايلانغان بۇلۇڭىنىڭ ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئېلاستىك تولغىنىش قانۇنىنى بەرپا قىلغان. بۇ ئۇنىڭ، 1784-يىلى، كۈچ ئۆلچەيدىغان ئىنتايىن سەزگۈر ئەسۋاب − تولغانما تارازىنى كەشىپ قىلىشىغا سەۋەب بولغان. ئارقىدىنلا كۇلون تولغانما تارازا تەجرىبىسى ئارقىلىق، ئىككى نۇقتىۋى زەرەتنىڭ تەسىرلىشىش كۈچى بىلەن ئىككى نۇقتىۋى زەرەتنىڭ زەرەت مىقدارى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىلىقى ئوتتۇرىسىدىكى مىقدارلىق مۇناسىۋەتنى ئېچىپ بېرىپ، ئېلېكترو ماگنىتىزم (ئېلېكتر ماگنىت ئىلمى) دىكى تۇنجى مىقدارلىق قانۇن − كۇلون قانۇنىنى بەرپا قىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئېلېكترو ماگنىتىزم سۈپەت جەھەتتىن تەتقىق قىلىشتىن مىقدارى جەھەتتىن تەتقىق قىلىش باسقۇچىغا كۆتۈرۈلۈپ، ھەقىقىي پەنگە ئايلانغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏