ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :كاڭ يۇۋېي

خەنزۇچە ئىسمى :康有为

باشقا نامى :康祖诒、康南海

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1858-يىل 3-ئاينىڭ 19-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1927-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى

كەسپى :مائارىپچى،سىياسىيون،مۇتەپەككۇر،پەيلاسوپ

چەتئەلچە نامى :Kang Youwei

شەخسلەر ئانكىتى

مىلادىيە 1895-يىلى باھاردا، چىڭ ھۆكۈمىتى جياۋۇ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، ياپونىيە بىلەن دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان «ماگۇەن شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، گۇاڭدۇڭ نەنخەيلىك بىر خەتمەكەردە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن بېيجىڭغا ئىمتىھان بەرگىلى كەلگەن 1300 دىن ئارتۇق خەتمەكەردە بىلەن بىرلىشىپ، پادىشاھقا نەچچە مىڭ خەتلىك مەكتۇپ سۇنۇپ، شەرتنامىگە ئىمزا قويماسلىقنى، پايتەختنى يۆتكەشنى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى ۋە قانۇننى ئۆزگەرتىپ دۆلەتنى روناق تاپتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. مانا بۇ تارىختىكى مەشھۇر «ھۆكۈمەت مەپىسىدە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ پادىشاھقا مەكتۇپ سۇنۇشى» دۇر. بۇلارنى تەشەببۇس قىلغۇچى كىشى دەل يېڭىلىققا كۆچۈش ۋە قانۇن ئۆزگەرتىش بايراقدارى كاڭ يۇۋېيدۇر.

كاڭ يۇۋېي  (1858-1927-يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ نەنخەي دېگەن يېرىدىن. ياش-ئۆسمۈر مەزگىلىدە مۇنتىزىم تەربىيە ئېلىپ، جاھاننىڭ ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغان جاسارەت يېتىلدۈرگەن. 1879-يىلىدىن باشلاپ غەرب كاپىتالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، بارا-بارا قانۇن ئۆزگەرتىش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏