چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كۇڭ چيۇ(مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 551 −479-يىللار) جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە مائارىپشۇناس، كۇڭزىچىلار ئىلمى ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى بولۇپ، تارىختا كۇڭزى دەپ ئاتالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :كۇڭ چيۇ

تۇغۇلغان ۋاقتى :مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 551 يىل

خەنزۇچە ئىسمى :孔丘

ۋاپات بولغان ۋاقتى :مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 479-يىل

باشقا نامى :孔子,尼父,孔夫子

ياشىغان زامان :ئەمىنىيە دەۋرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى

مىللىتى :خۇاشيا مىللىتى

كەسپى :مۇتەپەككۇر ، مائارىپشۇناس

ھاياتى ئۆمرى

كۇڭ چيۇ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 551 −479-يىللار) جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە مائارىپشۇناس، كۇڭزىچىلار ئىلمى ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى بولۇپ، تارىختا كۇڭزى دەپ ئاتالغان. قەدىمكى چاغلاردا، مەكتەپلەرگە كۇڭزىنىڭ رەسىمى ئېسىلغان، بالىلار مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈندە قىلىدىغان بىرىنچى ئىش كۇڭزىنىڭ رەسىمىگە تەزىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش بولغان. ئۇ چاغلاردا كۇڭزى ئۇلۇغلىنىپ «ھەممىدىن ئۇلۇغ ئەۋلىيا، ھەممىدىن بۇرۇنقى ئۇستاز» دەپ ئاتالغان، ھەتتا خان-پادىشاھلارمۇ ھەر يىلى كۇڭزى ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ ئۇنىڭغا باش ئۇرغان.

كۇڭزىنىڭ ئىسمى چيۇ، لەقىمى جۇڭنى بولۇپ، لۇ بەگلىكىدىكى چۇفۇ(بۈگۈنكى شەندۇڭ ئۆلكىسى چۇفۇ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى) دىن. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىسى سۇڭ بەگلىكىدىكى ئاقسۆڭەكلەردىن بولۇپ، كېيىن بالا-قازاغا يولۇقۇپ لۇ بەگلىكىگە كۆچۈپ كەتكەن. كۇڭزى ئۈچ ياش چېغىدا دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ، نامراتلىقتا مۇنتىزىم تەربىيە ئېلىشقا قادىر بولالمىغان، بىلىملەرنى تامامەن ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىۋالغان. كۇڭزى كىچىكىدىنلا ئىنتايىن تىرىشچان بولۇپ، «ئۈچ ئادەم بار يەردە چوقۇم ماڭا ئۇستاز چىقىدۇ» دەپ، ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەردىن سوراشنى ھار ئالماي، ھەرقانداق ئىشنى باشقىلاردىن سورىغان؛ بىلىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىنى ئۇستاز تۇتقان، شۇڭا ئەدەپ-قائىدە، مۇزىكا، ئوقيا ئېتىش، ھېسابلاش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئىگىلىگەن. ياش چاغلىرىدا، ئامبار باشقۇرىدىغان، ئۇلاغ باشقۇرىدىغان كىچىك ئەمەلدار بولغان، 50 يېشىدا ئاندىن لۇ بەگلىكىنىڭ زىندانبېگى بولۇپ، بەگلىكنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا دائىر سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇزاق ئۆتمەي، سىياسىي قاراشلىرى باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقمىغاچقا، ئاچچىقىدا لۇ بەگلىكىدىن ئايرىلىپ، بىر قىسىم تالىپلىرىنى ئېلىپ بەگلىكلەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، باش چۆكۈرۈپ دەرس ئۆتۈش ۋە قەدىمىي كىتابلارنى رەتلەش بىلەن شۇغۇللانغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏