چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش فارادېي 1791-يىلى ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي ئامپىتون شەھىرىدە نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. ساۋاتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ چىقارغان، 14 يېشىدا كىتاب تۈپلەيدىغان بىر زاۋۇتقا شاگىرتلىققا كىرگەن. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ يەردە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ چىققان. 20 يېشىدا ئەنگلىيىلىك مەشھۇر خىمىك دېۋىدنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغان ھەمدە بۇ ئالىمغا قاتتىق ئىشتىياق باغلىغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :فارادېي

خەنزۇچە ئىسمى :迈克尔·法拉第

باشقا نامى :Michael Faraday

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگلىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1791-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1867-يىلى

كەسپى :فىزىكا ئالىمى ، خېمىيە ئالىمى

شەخىس ھەققىدە 

فارادېيئېلېكتر سايمانلىرى دەۋرى بارلىققا كەلدى. بىزنى بۇ دەۋرىمىز بەزىدە ئېفىر(ئالەم بوشلۇقى) دەۋرى دېيىلسە، بەزىدە ئاتوم دەۋرى دېيىلىدۇ. گەرچە شۇنداق دېيىلسىمۇ، بىراق ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى، ئاتوم قوراللىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق يوشۇرۇن كۈچلەرنىڭ، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور. ۋەھالەنكى، بىز ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېلېكتر سايمانلىرى ئىشلەتمەكتىمىز ھەمدە خاتىرجەم ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ھازىرغىچە تېخى ھېچقانداق بىرخىل تېخنىكىنىڭ بىزنى توك ئىشلەتكىنىمىزدەك يېڭى بىر دەۋرگە ئېلىپ كىرىدىغان بىشارىتى يوق.

ئېلكتېر جەھەتتە نۇرغۇن كىشىلەر تۆھپە ياراتقان. بىراق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى يەنىلا ئەنگلىيىلىك ئىككى ئالىم فارادېي بىلەن ماكسىۋېل، گەرچە بۇ ئىككى ئالىم خىزمەتتە ئۆزئارا بىر-بىرىنى تولۇقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككىيلەن ھەقىقەتەن بىر يەردە ئىشلەپ باقمىغان، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇستەقىل ئۆزلىرىگە مەنسۇپ، شۇڭلاشقا ھەرئىككىلىسى بۇ ئىسىملىكنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا ھەقلىق. 

فارادېي 1791-يىلى ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي ئامپىتون شەھىرىدە نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. ساۋاتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ چىقارغان، 14 يېشىدا كىتاب تۈپلەيدىغان بىر زاۋۇتقا شاگىرتلىققا كىرگەن. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ يەردە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ چىققان. 20 يېشىدا ئەنگلىيىلىك مەشھۇر خىمىك دېۋىدنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغان ھەمدە بۇ ئالىمغا قاتتىق ئىشتىياق باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېۋىدكە خەت يازغان، كېيىن ئۇ بۇ خىمىككە ياردەمچى بولغان. نەچچە يىلدىن كېيىن، فارادېي ئۆزىنىڭ كەشپىياتى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ماتېماتىكا ئاساسى كەمچىل بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق فىز-پراكتىكا ئالىمى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئېلېكتر ھەققىدىكى تۇنجى كەشپىياتى 1831-يىلى ۋۇجۇدقا كەلگەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏