چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى بولسا ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدكى ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ،ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ ،بىۋاستە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوپ رايونلوق مائارىپ نازارىتىگە قارايدۇ. مەكتەپ ئورنى ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونى يەنئەن يولى 65 – نومۇرغا جايلاشقان ،1956- يىلى قۇرۇلغان ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17- ئوتتۇرا مەكتەپ ،ئۈرۈمچى تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.1995 يىل شىنجاڭ تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن ،50 يىللاردىن بۇيان نەچچە ئەۋلاد كىشلەرنى تەربىيلەپ يېتىشتۈردى، مەكتەپنىڭ ھازىر ئىلغار بولغان كادىرلار باشقۇرۇش قوشۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بار، ئوقۇتۇش تەربىيلەش سۈپىتى ياخشى، تەربىيلەش مۇھىتى ياخشى بولۇپ شىنجاڭ بويىچە يۇقىرى نام –ئابرويغا ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىنجاڭ تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپى

خەنزۇچە نامى :新疆实验中学

مەكتەپ مىزانى :ئەستايىدىللىق ،كەسىپنى قەدىرلەش ،سەمىمىيلىك ،بىلىمدانلىق

قۇرۇلغان ۋاقتى :1956- يىلى

تۈرى :ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

تۇرۇشلۇق ئورنى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى

مەكتەپ شوئارى :غايە قاناتلانسۇن

مەكتەپ ھەققىدە

شىنجاڭ تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپى بولسا ئاپتونوم رايولنلۇق مائارىپ نازارىتى قارمىقىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ،  1956 –يىلى قۇرۇلغان قۇرۇلغان بولۇپ  54 يىللىق تارىخى مۇساپىلەرنى بېشتىن ئۆتكۈزگەن ،ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى مىللىي خەنزۇ ئارلاشما مەكتەپ .كۆپ يىللىق تەرەققىياتلار ئارقىلىق شىنجاڭ تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك تولۇق  ئوتتۇرا  مەكتىپىگە ئايلىنىپ ،ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەخلاق تەربىيە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ ،ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە مەدەنىيەتلىك ئورۇن،ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئونۋېرسال تۈزەپ باشقۇرۇشتىكى ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن دېگەن ناملارغا ئېرىشىپ ،جوڭگۇدىكى يۈز كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى  .

2013 –يىلى تەجىرىبە ئوتتۇرا  مەكتىپى  تولۇق بىرىنچى يىللىق ،تولۇق ئىككىنچى يىللىق ۋە تولۇق ئۈچىنچى يىللىقنى تەسسىس قىلدى ،جەمئىي 66 سىنىپ بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇتىلى بۆلىمى12 تەبىي پەن تەجرىبە سىنىپى ، مىللىي بۆلۈم 6 تەجربە سىنىپى ، 3 نۇقتىلىق سىنىپ ، 4 ئىجتىمائىي پەن سىنىپى ھەمدە 41  پاراللىل سىنىپ بولۇپ مەكتەپتىكى ئادەم سانى 3766 دىن ئارتۇق بولۇپ ئوقۇتۇش كۆلىمى بارغانچە چوڭايماقتا .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏