چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لى داجاۋ (1889-1927-يىللار) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :لى داجاۋ

خەنزۇچە ئىسمى :李大钊

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :خېبېي ئۆلكىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1889-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1927-يىل

كەسپى :ئىنقىلابچى، ماركىسىزمچى، رەھبەر

شەخسلەر ئانكىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى لى داجاۋ (1889-1927-يىللار) ، تەخەللۇسى شۇچاڭ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يۆتىڭ ناھىيەسىدىن. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئىنتايىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تۈرلۈك يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلىگەن، ۋەتەننى، مىللەتنى قۇتقۇزىدىغان ھەقىقەتنى تېپىش يولىدا تىرىشىپ ئىزدەنگەن. 24 يېشىدا ياپونىيە گە بېرىپ، ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسىي كەسپى بويىچە باكالاۋرلىقتا ئوقۇپ، ماركسىزم تەتقىقاتىغا كىرىشكەن. 1916-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بېيجىڭدا چىقىدىغان «سەھەر قوڭغۇرىقى گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى، قوشۇمچە كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرى ۋە «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولغان ھەمدە «ھەپتىلىك ئوبزور»، «ياش جۇڭگو» قاتارلىق ژۇرناللارنى چىقىرىپ ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگودا ئەڭ بۇرۇن ماركسىزمنى تارقاتقۇچى بولۇپ قالغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏