چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان نۇرغۇن ئالىم، شائىرلار تاڭ سۇلالىسى دىكى ئىككى داڭلىق شائىرنى «تەي بەي تالانت پىرى، چاڭ جى تالانت ئەرۋاھى» دەپ سۈپەتلەشكەنىدى. چاڭ جى دېگىنى لى خېنىڭ تەخەللۇسى، «ئەرۋاھى» دېگىنى ھەرگىز ئۇنى جىن-پەرى، ئەرۋاھلارنى تېما قىلىپ يازىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرغا بايلىقىغا، ئاجايىپلىقىغا، مەزمۇنىنىڭ يېڭىلىقىغا، رومانتىك روھقا تويۇنغانلىقىغا قارىتىپ ئېيتىلغان. لى خېنىڭ شېئىرلىرى تاڭ سۇلالىسى نىڭ شېئىرىيەت مۇنبىرىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :لى خې

تۇغۇلغان ۋاقتى :790-يىل

خەنزۇچە ئىسمى :李贺

ۋاپات بولغان ۋاقتى :817-يىل

باشقا نامى :李长吉,李昌谷

ياشىغان زامان :تاڭ سۇلالىسى

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :خېنەن

كەسپى :شائىر

تەخەللۇسى :چاڭ جى

ھاياتى ئۆمرى

لى خې (790-817-يىللار) تاڭ سۇلالىسى دىكى بەگ ئەۋلادى، لېكىن ئاللىبۇرۇنلا ۋەيران بولغاچقا، ئائىلىسى نامرات ئىدى. ئۇنىڭ قابىلىيىتى ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇپ، ئۆسمۈر ۋاقتىدىلا شېئىردا نام چىقارغان، لېكىن ئۆمرىدە ئاران نەزىر-چىراغلارنى باشقۇرىدىغان توققۇزىنچى دەرىجىلىك كىچىك ئەمەلنىلا تۇتقان، ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالماي دەرد چېكىپ، نامراتلىقتىن يىقىلىپ قالغان، ئۇ ئۆلگەندە ئاران27 ياشتا ئىدى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏