چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ماركس-ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ بەرپاچىسى. ئۇ 1818-يىلى پرۇسسىيىنىڭ رېيىن ئۆلكىسى ترىر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئاۋوكات ئىدى. ئۇ 17 يېشىدا بۇنن داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ. كېيىن بېرلىن داشۆسىگە ئوقۇشقا يۆتكىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ماركس

خەنزۇچە ئىسمى :卡尔·海因里希·马克思

باشقا نامى :Karl Heinrich Marx

يۇرتى :پرۇسسىيىنىڭ رېيىن ئۆلكىسى ترىر شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1818-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1883-يىلى

كەسپى :سىياسىيون ،پەيلاسوپ ،ئىنقىلابچى

ھايات ئۆمرى  

ماركسماركس-ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ بەرپاچىسى. ئۇ 1818-يىلى پرۇسسىيىنىڭ رېيىن ئۆلكىسى ترىر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئاۋوكات ئىدى. ئۇ 17 يېشىدا بۇنن داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ. كېيىن بېرلىن داشۆسىگە ئوقۇشقا يۆتكىلىدۇ. 1841-يىلى 4-ئايدا، ئۇ يېنا داشۆسىدە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 

كېيىن ئۇ ئاخبارات ساھەسىگە يۈزلىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي كيولىندىكى «رېين گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ رادىكال ئىنقىلابىي نۇقتىئىنەزەرلىرى ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىكلەر كەلتۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ پارىژغا كۆچۈپ كېتىشىگە، ئۇ يەردە ئىنگېلس بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ؛ ئۇلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېقىن دوستانە مۇناسىۋەتتە ئۆتۈپ كېلىدۇ. 

ئۇزۇن ئۆتمەي، ماركس فرانسىيىدىن قوغلىنىپ بريۇسسېلگە كۆچۈپ كېلىدۇ. ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇھىم ئەسىرى «پەلسەپە نامراتچىلىقى» نى ئېلان قىلىدۇ. ئىككىنچى يىلى، ئۇ كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، ئىنگېلس بىلەن بىرلىكتە «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» نى يېزىپ چىقىدۇ؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغان بىر ئەسىرى ئىدى. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا، ماركس كيولىنغا قايتىپ بارىدۇ، بىراق نەچچە ئايدىن كېيىن، يەنە ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. كېيىن ئۇ لوندونغا بېرىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. 

گەرچە، ماركس تۇرمۇشنى ماقالە يېزىش بىلەن قامدىغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇ لوندوندا تۇرغان مەزگىلىدىكى ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىقتىسادقا ئائىت كىتابلارنى تەتقىق قىلىشقا ۋە يېزىشقا سەرپ قىلغانىدى. 

ئەينى يىللاردا، ماركسنىڭ يېقىن دوستى ئىنگلېس ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلدى. 1867-يىلى، ئۇنىڭ مۇھىم ئەسىرى «كاپىتال» نىڭ بىرىنچى تومى دۇنياغا كەلدى. ماركس ۋاپات بولغاندا، «كاپىتال» نىڭ كېيىنكى ئىككى تومى تېخى يېزىلىپ بولۇنمىغانىدى. كېيىن ئىنگېلىس بۇ ئىككى تومنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ پۈتتۈرىدۇ.

ماركسنىڭ ئەسەرلىرى كوممۇنىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈردى. 20-ئەسىردە كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ مۇھىملىقى بارغانسېرى ئېشىپ بارغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ماركس بۇ كىتابتا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىشىگە گەپ سىغمايدۇ. 

ماركس ۋاپات بولۇپ بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ماركسقا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىر مىليون 300 مىليون كىشىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ سان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەرقاندق ئىدېئولوگىيىگە ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىدىن كۆپ ئارتۇق تۇرىدۇ؛ بۇ سان كومپارتىيە ئەزاسى بولمىغان بىر قىسىم يازغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەت ماركسىزمنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏