چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
كېلۋىن 1824-يىلى ئەنگلىيە دە تۇغۇلغان.
ئۇيغۇرچە ئىسمى :كېلۋىن
خەنزۇچە ئىسمى :威廉·汤姆森
دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگىليە
تۇغۇلغان ۋاقتى :1824-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى :1907-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
كەسپى :فىزىكا ئالىمى،ئىنژېنېر
چەتئەلچە نامى :William Thomson
تومسون (1824 −1907) كىچىكىدىنلا ئەقىللىق بولۇپ، ئون يېشىدىلا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەييارلىق كۇرسىغا كىرىپ ئوقۇغان. 15 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىزىكا مۇكاپاتىغا، 16 يېشىدا ئاسترونومىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن، 22 يېشىدا مەشھۇر گلازگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۇنىڭ تۆھپىسى كۆپ بولغاچقا، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئۇنىڭغا لورد ئۇنۋانىنى بەرگەن. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گلازگو ئۇنىۋېرسىتېتى كېلۋىن دەرياسى بويىدا بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «لورد كېلۋىن» دەپ ئاتىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئىسمىنى كېلۋىنغا ئۆزگەرتكەن.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى