چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لى گۇاڭ خەن سۇلالىسى دەۋىردە ياشىغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :لى گۇاڭ

خەنزۇچە ئىسمى :李广

باشقا نامى :飞将军

ياشىغان زامان :خەن سۇلالىسى

مىللىتى :خەنزۇ

ھاياتى ئۆمرى

لى گۇاڭ (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 119-يىللىرى ئۆتكەن) لۇڭشى چېڭجىلىك(بۈگۈنكى گەنسۇ ئۆلكىسى جىڭنىڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) بولۇپ، سانغۇنلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىك چاغلىرىدىن تارتىپلا چېگرا رايوننى قوغداشقا بەل باغلىغان. خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋېندى ھونلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرەش قىلغاندا، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەننى قىرىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ھەم شەرەپ بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ تامغاچ ئەمەلدارى بولغان. بىر قېتىم، پادىشاھ ۋېندى سىرتقا ئىشلارنى كۆزىتىشكە چىققاندا، لى گۇاڭ ئۇنى ھىمايە قىلىپ مېڭىپ، يىرتقۇچ ھايۋان بىلەن تەنھا ئېلىشقان. ۋېندى: «ئەپسۇس، سەن ئۆز زامانەڭدە تۇغۇلمىغان ئىكەنسەن، ئەگەر گاۋزۇ(ليۇ باڭ) زامانىسىدا تۇغۇلغان بولساڭ، تۈمەن تۈتۈنبېگى بولۇشۇڭدا گەپ يوق ئىدى» دەپ ئاپىرىن ئوقۇغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏