چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ۋولتېر تەخەللۇسى بىلەن دۇنياغا تۇنۇلغان، 18-ئەسىردىكى فرانسىيە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسىنىڭ ئەسلى ئىسمى فرانسىۋا-مارې. ئازوئۇئېت ئىدى. ۋولتېر شائىر، دراماتورگ، يازغۇچى، تارىخشۇناس، پەيلاسوپ بولۇپ ئىدىيە ئازاتلىقىنىڭ ئەلچىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ۋولتېر

خەنزۇچە ئىسمى :伏尔泰

باشقا نامى :Voltaire

دۆلەت تەۋەلىكى :فرانسىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1694-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1778-يىلى

كەسپى :پەيلاسوپ،يازغۇچى

شەخىسلەر ئانكىتى 

ۋولتېرۋولتېر تەخەللۇسى بىلەن دۇنياغا تۇنۇلغان، 18-ئەسىردىكى فرانسىيە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسىنىڭ ئەسلى ئىسمى فرانسىۋا-مارې. ئازوئۇئېت ئىدى. ۋولتېر شائىر، دراماتورگ، يازغۇچى، تارىخشۇناس، پەيلاسوپ بولۇپ ئىدىيە ئازاتلىقىنىڭ ئەلچىسى ھېسابلىنىدۇ. 

ۋولتېر 1694-يىلى پارىژدا بىر ئوتتۇرا بۇرژىئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئادۋۇكات ئىدى. ئۇ دەسلەپتە قانۇن ئۆگىنىپ، كېيىن كەسپ ئۆزگەرتكەن. ئۇ زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، پىكرىنىڭ تېزلىكى، ھېكمەتلىك سۆزلەرگە ماھىرلىقى ھەمدە ھەجۋى شېئىر يېزىش بىلەن داڭق چىقارغانىدى. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمى ئاستىدا ۋولتېرنىڭ بۇ خىل ئەقىل-پاراسەتلىكلىكى خەتەرلىك ئىدى. ئۇ بىر قانچە سىياسىي شېئىر يازغانلىقى ئۈچۈن باستىلىيە تۈرمىسىگە تاشلانغانىدى. ئۇ تۈرمىدە ياتقان بىر يىل ئىچىدە «ھېنرىياد» داستانىنى يېزىپ ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 1718-يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، تۇنجى تىراگېدىيىسى «پادىشاھى ئويدىپوس» نى ئېلان قىلىپ بىردىنلا تونۇلۇپ، رازىننىڭ ۋارىسى دەپ قارالغان ھەمدە شۇندىن ئېتىبارەن ۋولتېر دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان، شۇ چاغدا ئۇ 24 ياشتا ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋولتېر ھايات ۋاقتىدىكى 60 يىلدا، ئۇ باشتىن ئاخىر فرانسىيىنىڭ ئەدەبىيات ساسەسىدىكى ئۇلۇغ ئەرباب بولۇپ قالغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏