چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىرئەلىجان 1991-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان. تەنتەربىيەچى ئائىلىسدە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئاساسىمۇ خېلىلا كۈچلۈك ھېساپلىناتتى.كىچىك ۋاقتىدا شىرئەلى دائىم ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ۋاسكىتبول مەشق قىلغان.تولۇقسىز 1-يىللىققا چىققاندا ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە بىلەك كۈچى باشقا ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردىن خېلىلا پەرقلىق بولۇپ ئۇ ئاخىرى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپى تەرىپىدىن تاللىنىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلىدۇ.1991-يىلى1-ئاينىڭ4-كۈنى

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :شىرئەلىجان مۇختەر

خەنزۇچە ئىسمى :西热力江·木合塔尔

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :ئۇيغۇر

يۇرتى :قەشقەر

تۇغۇلغان ۋاقتى :1991-يىلى1-ئاينىڭ4-كۈنى

بوي ئېگىزلىكى :191 سانتىمېتىر

بەدەن ئېغىرلىقى :81 كىلوگىرام

كەسپى :تەنھەركەتچى

تەۋە كوماندا :گۇاڭخۇي كوماندىسى

تەنھەركەت تۈرى :ۋاسكىتبول

بالىلىق دەۋرى 

شىرئەلىجان مۇختەرئۇ دىيارىمىزنىڭ قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ كىچىك ۋاقتىدا باشقا بالىلارغا ئوخشاش توپا مەيداندا پۇتبول ئويناپ چوڭ بولغان.3-يىلىققا چىققان ۋاقىتتا ئۇ قوشنىسىنىڭ تېلىۋىزورىدىن بىر تېلىۋىزىيە ئېلانى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدا فرانكىسنىڭ ئەڭ دەسلەپ مودا بولغان ۋاسكىتبول ئايىغى ئېلانى قويۇلغان بولۇپ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دائىم فرانكىس ئېلانىنىڭ ئىلھامى بىلەن ۋاسكىتبولغا قىزىقىپ قالىدۇ. 

شىرئەلىجان تەنتەربىيەچى ئائىلىسدە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئاساسىمۇ خېلىلا كۈچلۈك ھېساپلىناتتى.كىچىك ۋاقتىدا شىرئەلى دائىم ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ۋاسكىتبول مەشق قىلغان.تولۇقسىز 1-يىللىققا چىققاندا ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە بىلەك كۈچى باشقا ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردىن خېلىلا پەرقلىق بولۇپ ئۇ ئاخىرى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپى تەرىپىدىن تاللىنىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلىدۇ.گەرچە ئۇ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە سىنىپىدا ۋاسكىتبول دەرسىگە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ ئەمما ۋاسكىتبول ئۆگىنىش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇ يازنىڭ تۈن نىسبىلىرىگىچە باشقا بالىلار بىلەن ۋاسكىتبول مەشقى قىلىدۇ،توپ ئويناش،ئېگىزگە سەكرەش،گارغا توپ ئېتىش قاتارلىق ھەرخىل جاپالىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ ئۆزىنىڭ ۋاسكىتبول ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏