چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لى شىجېن (1518 −1593) يازغان «دورا ئۆسۈملۈكلەر دەستۇرى(بېنساۋ گاڭمۇ) » دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن جۇڭيى تېبابىتىدىكى گۆھەر كىتاب دەپ قارىلىدۇ. بۇ كىتاب − لى شىجېن 30 يىل ئەجىر قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاغ-دەريالىرىنى كېزىپ، ھاياتىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئۆسۈملۈكلەرنى تېتىپ كۆرۈپ، 2000 دىن ئارتۇق دورا ئۆسۈملۈكى، 10 مىڭدىن ئارتۇق رېتسېپنى خاتىرىلىگەن كاتتا ئەسەر. بۇ ئەسەر كېيىنكىلەرگە قىممەتلىك دورا بىلىملىرىنى قالدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئىلىم-پەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب روھنى قالدۇردى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :لى شىجېن

تۇغۇلغان ۋاقتى :1518-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى

خەنزۇچە ئىسمى :李时珍

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1593-يىل

ياشىغان زامان :مىڭ سۇلالىسى دەۋرى

مىللىتى :خەنزۇ

كەسپى :تىۋىپ

ھاياتى ئۆمرى

 لى شىجېن خېبىي ئۆلكىسىدىكى بىر نامرات تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ، كىچىكىدىن باشلاپلا تېۋىپلىق قىلىشقا ئىرادە باغلاپ، ئەجدادىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ تىببىي دورا ئىلمى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏