چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ (1916-1943 ) نىڭ ئەسلى ئىسمى لىن ۋېيلياڭ بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيشەن ناھىيىسىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىىنىڭ ئەزاسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :لىن جىلۇ

خەنزۇچە ئىسمى :林基路

باشقا نامى :林为梁

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

يۇرتى :گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تەيشەن ناھىيىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1916-يىل

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1943-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى

كەسپى :ئىنقىلابچى

شەخسلەر ئانكىتى

ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنىڭ ئەسلى ئىسمى لىن ۋېيلياڭ بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيشەن ناھىيىسىدىن، 1916-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىدۇ ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن ياپونىيىگە ئەۋەتىلىدۇ. 1937-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. 1939-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن شىنجاڭدا ئىشلەشكە ئەۋەتىلىدۇ. شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، ئاقسۇ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، كۇچا نىڭ ھاكىمى، ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1942-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ۋە 1943-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەنىدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏