چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مېكىل ئانگېلو 1475-يىلى ئىتالىيىنىڭ كاپرېس دېگەن كىچىك بىر تاغلىق كەنتىدە تۇغۇلغان. بۇ كەنت فلورېنسىيىگە تەخمىنەن 40 ئىنگىلىز مىلى كېلەتتى. ئۇنىڭ تالانتى خېلى بۇرۇنلا كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :مىكېل ئانگېلو

خەنزۇچە ئىسمى :米开朗基罗·波纳罗蒂

باشقا نامى :Michelangelo di Lodovico Buonarroti Simoni

دۆلەت تەۋەلىكى :ئىتالىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1475-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1564-يىلى

كەسپى :رەسسام، ئويمىكار، ئارخىتېكتور

شەخىس ھەققىدە 

مېكىل ئانگېلوئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئۇلۇغ سەنئەتكەر مىكېل ئانگېلو ئىنسانىيەت سەنئەت تارىجىدىكى مەشھۇر شەخس. ئۇ-رەسسام، ئويمىكار، ئارخىتېكتور. ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مول سەنئەت ئەسەرلىرى تۆت ئەسىردىن بۇيان سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتكەنىدى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋرۇپانىڭ رەسساملىق ۋە ئويمىچىلىق سەنئىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

مېكىل ئانگېلو 1475-يىلى ئىتالىيىنىڭ كاپرېس دېگەن كىچىك بىر تاغلىق كەنتىدە تۇغۇلغان. بۇ كەنت فلورېنسىيىگە تەخمىنەن 40 ئىنگىلىز مىلى كېلەتتى. ئۇنىڭ تالانتى خېلى بۇرۇنلا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. 13 يېشىدا بىر مەھەل فلورېنسىيلىك رەسسام گىرلاندائو (oiadnalrihG) غا شاگىرتلىققا كىرگەن. 15 يېشىدا فورېنسىيە ھۆكۈمرانى لورىنزو ئۇنى سورىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئوردىدا تۇرىدۇ. ھەمدە لوزىنززونىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولىدۇ. مىكېل ئانگېلو ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى رىم ۋە فلورېنسىيىدە ئۆتكۈزىدۇ، پاپا ۋە ھۆكۈمرانلاردىن ئۇنى سەنئەت بويۇملىرى لايىھىلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلمىغانلىرى يوق دىيەرلىك. ئۇ 89 يېشىدا، تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ھارپا كۈنى رىمدا ۋاپات بولىدۇ. ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏