چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لوك لانگېدون دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان، ياش مەزگىلىدە ئىلىم-پەنگە ئىنتايىن قىزىقاتتى. 36 يېشىدا خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئازادلىقىغا تاللانغان. نيۇتون بىلەن ياخشى دوستلاردىن ئىدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :لوك

خەنزۇچە ئىسمى :约翰·洛克

باشقا نامى :John Locke

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگلىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1632-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1704-يىلى

كەسپى :پەيلاسوپ

شەخىس ھەققىدە 

لوكلوك-دېموكراتىك ئاساسىي قانۇنلۇق ئىدىيىنىڭ ئاساسىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇجەسسەملىگەن تۇنجى پەيلاسوپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرغۇچىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداقلا 18-ئەسىردىكى فرانسىيە پەلسەپە ئاقارتىش ھەرىكىتى جەريانىدىكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. 

لوك لانگېدون دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان، ياش مەزگىلىدە ئىلىم-پەنگە ئىنتايىن قىزىقاتتى. 36 يېشىدا خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئازادلىقىغا تاللانغان. نيۇتون بىلەن ياخشى دوستلاردىن ئىدى.

ئەركىن سىياسىي ئىدىيىگە قاتتىق ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە ئۇنى ھىمايە قىلدىغان شافزبېر بىلەن تونۇشۇش لوكنىڭ ھاياتىدا بىر بۇرۇلۇش بولدى. شافزبېر ئەركىن ئىدىيىنى ھىمايە قىلغانلىقى ۋە ئەركىن سىياسىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن چارلىز Ⅱ تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئۇ گوللاندىيىگە قېچىپ كېتىدۇ، لوك ئارقىدىنلا يېتىپ بارىدۇ.

لوكنىڭ شۆھرىتىنى يايغان ئەسەر ئۇنىڭ «ئىنسانىيەتنى چۈشىنىش توغرىسدا» دېگەن ئەسىرىدۇر. لوك ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىدا ئىنسان بىلىمىنىڭ كېلىش مەنبەسى، خاراكتېرى ۋە چەك چېگرىنى شەرھىلىگەن. لوكنىڭ نەزەرىيىسى ساپ تەجرىبىلىك، بېكون بىلەن دېكارتنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. لوكنىڭ ئىديىسى كېيىنكى نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلارغا مەسىلەن، بېرىكلى، يوم، كانتلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. لوكنىڭ «ئىنسانىيەتنى چۈشىنىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابى ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىن توغرا ھەم ئەڭ مۇھىم پەلسەپىۋى كلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ سىياسىي ئەسەرلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا ئانچە مۇھىم رولى بولمىغان. لوك ئۆزىنىڭ «كەڭ قۇرساقلىق قىلىش توغرىسىدا خەت-چەكلەر» دېگەن كىتابىدا دۆلەت دىنىي مۇراسىملارغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن؛ لوكنىڭ بۇنداق ئىدىيىنى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇ خىل ئىدىيىنى ھىمايە قىلىدىغان جامائەت پىكرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولغان. لوك دىنىي كەڭ قارساقلىق قىلىش ئىدىيىسىنى كېڭەيتتى. بۇ غەيرىي خرىستىئان مۇرىتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ: «مەيلى كۆپ ئىلاھلىق دىن مۇرىتلىرى، مۇسۇلمان ياكى يەھۇدىي دىنىي مۇرىتلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن پۇقرالىق ھوقۇقىنى تارتىۋالماسلىق كېرەك» دېگەن. بىراق، ئۇ كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلغان، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار چەت ئەل ھۆكۈمرانى(پاپا) غا سادىقمەنلىك قىلغان، ئوخشاشلا دىنغا خائىنلىق قىلغانلارنىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلغان. 

لوكنىڭ بۇ كىتابى سەۋەبىدىن، دىنىي كەڭ قۇرساقلىق لوك مۇستەسنا قىلىۋەتكەن دىن گۇرۇھلىرىغا سىڭىپ كىرگەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏