چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ كېسەللىك، ئاپتاپ ئۆتۈش، ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى ھارارەتلىك جايلاردا پائالىيەت قىلىش، ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ يېيىش، تاماق يېيىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، ئاچ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. باش ئاغرىيدۇ، ئاغرىش سېزىم ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزگەندە قۇلاق غوڭۇلدايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى

ئاساسلىق ئالامىتى :باش ئاغرىش،قۇلاق غوڭۇلداش

كېسەللىك سەۋەبى :ئاپتاپ ئۆتۈش،ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ يېيىش

خەنزۇچە نامى :头疼脑热

تەۋە بۆلۈم :باش ئاغرىقى ئىچكى بۆلۈم

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

كېسەللىك ئورنى :باش

ئىنگلىزچە نامى :headache and slight fever

كېسەللىك ھەققىدە

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئاپتاپ ئۆتۈش، ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى ھارارەتلىك جايلاردا پائالىيەت قىلىش، ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ يېيىش، ئىپار، ئەنبەر قاتارلىق ئىسسىقلىق دورىلارنى كۆپ پۇراش، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ھەددىدىن ئارتۇق ئاچچىقلاش، يىغلاش، خۇشال بولۇش، ئۈزمەي يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش، تاماق يېيىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، ئاچ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.


ئالامىتى: باش قولغا ئىسسىق بىلىنىش، بۇرۇن ۋە گال قۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق ئۆتكۈر بولۇش، سوغۇق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ياكى سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا ئاغرىق پەسىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  • باش ئاغرىيدۇ، ئاغرىش سېزىم ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزگەندە قۇلاق غوڭۇلدايدۇ. بەزىلەردە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدۇ. بۇ شەقىقە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيقۇ قاچىدۇ، ھاسىرايدۇ، تومۇرى توم ۋە ئىتتىك سوقىدۇ. بېشى ئىسسىق بىلىنىدۇ. لېكىن باش ئانچە ئېغىر بولمايدۇ. كۆز، بۇرۇن ۋە تىلىنى قۇرۇق ھېس قىلىدۇ. گېلى قۇرۇيدۇ. سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەتلەردە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولىدۇ. سوغۇق ۋە سوغۇقلۇق نەرسىلەردىن راھەتلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏