چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۆت تېشى كېسىلى كىشىلەر ئادەتتە ئېيتىپ كېلىۋاتقان «ئۆتكە تاش چۈشۈش «كېسىلىدۇر، ئۇ يەنە ئادەتتە ئۆت تېشى كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئۆت خالتىسى كۆرسىتىدۇ، جىگەر , ئۆت غول نەيچىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا تاش چۈشۈش كۆرۈلىدۇ. تاش پەيدا بولۇش ئورنى، ئۆت تېشى كېسىلى دائىم ئۆت خالتىسىغا تاش چۈشۈش كېسىلى دەپ ئايرىلىدۇ، ئۆت غول نەيچىسىدە تاش پەيدا بولۇش كېسىلى , جىگەر-ئۆت كانىلى تېشى كېسىلى ياكى كۆپ ئورۇنلاردا بىرلا ۋاقىتتا تەڭ قوزغىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :ئۆت تېشى كېسەللىكى

ئاساسلىق ئالامىتى :ئوڭ تەرەپ قورساق جىگەر ساھەسى مۇجۇپ ئاغرىش، توڭۇپ تىترەش

كېسەللىك سەۋەبى :ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى تۇز ماددىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى،ئۆت خالتىسىنىڭ ياللۇغلىنىشى

خەنزۇچە نامى :胆石病

كۆپ كۆرۈلىدىغانلار :40ياشتىن يۇقىرىلار

تەۋە بۆلۈم :ئۆت تېشى كېسەللىكلەر تاشقى بۆلۈم

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

كېسەللىك ئورنى :ئۆت

ئىنگلىزچە نامى :cholelithiasis

باشقا نامى :ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكى

كېسەللىك ھەققىدە

ئۆت تېشى كېسەللىكىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى تۇز ماددىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئۆت خالتىسىنىڭ ياللۇغلىنىشى، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىپ، ئاستا-ئاستا چۆكمە شەكىللىنىپ ۋە چۆكمە ماددىلار بىرىكىپ ئۆت خالتىسى ۋە ئۆت نەيچىلىرىدە تاش ھاسىل قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئوڭ تەرەپ قورساق جىگەر ساھەسى مۇجۇپ ئاغرىش، توڭۇپ تىترەش، يۇقىرى قىزىتما، سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏