چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئادەتتە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى تاش چۈشۈشنى كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تۇيۇقسىز قوزغالغان بۆرەك رايونىدا قاتتىق ئاغرىش، ئۆتكۈر يۈرەك سانجىقىنىڭ كۆپىنچىسى تاش چۈشۈش سەۋەبىدىن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى سۈيدۈك نەيچىگە تاش چۈشۈش يۈز بېرىدۇ، شۇڭا ئاتالمىش بۆرەك سانجىقى ئەمەلىيەتتە زور بىر قىسمى سۈيدۈك نەيچىسى مۇجۇپ ئاغرىش بولىدۇ. بۆرەك سانجىقى ئايرىم كېسەل ئەمەس.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :بۆرەك سانجىقى

ئاساسلىق ئالامىتى :بۆرەك ساھەسى قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىش، چىڭقىلىش،ھوشىدىن كېتىش

كېسەللىك سەۋەبى :بۆرەك تېشى، بۆرەك ياللۇغى ۋە بۆرەك ساھەسىدە قۇرۇق يەل يىغىلىش

خەنزۇچە نامى :肾绞痛

تەۋە بۆلۈم :بۆرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىبۆرەك ئىچكى

كېسەللىك ئورنى :بەل , قورساق يۇقىرى قىسمى

ئىنگلىزچە نامى :renalcolic

كېسەللىك ھەققىدە

بۆرەك سانجىقىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۆرەك تېشى، بۆرەك ياللۇغى ۋە بۆرەك ساھەسىدە قۇرۇق يەل يىغىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: بۆرەك ساھەسى قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىش، بەزىدە ئاغرىق دوۋسۇن ۋە يىرىقغىچە تارقىلىش، چىڭقىلىش، بەزىدە ئاغرىق بىردەم بوشاپ، بىردەم كۈچىيىش، ئېغىرلىرىدا ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏