چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دوۋساق ياللۇغى بولسا دوۋساقتا يۈز بېرىدۇ ،ئاساسلىقى يۇقۇملىنىش ۋە سەپرالىق ئىسسىقتىن بولغان جىددىي كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ئۆتكۈر ۋە ئاستا خاراكتېرلىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :دوۋساق ياللۇغى

ئاساسلىق ئالامىتى :سۈيدۈكتە يىرىڭ بولۇش، سۈيدۈك دۇغ بولۇش، قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، ماغدۇرسىزلىق

كېسەللىك سەۋەبى :يۇقۇملىنىش ۋە سەپرالىق ئىسسىقتىن بولغان جىددىي كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ

خەنزۇچە نامى :膀胱炎

تەۋە بۆلۈم :سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىرى تاشقى بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :دوۋساق

ئىنگلىزچە نامى :cystitis

كېسەللىك ھەققىدە

دوۋساق ياللۇغىدوۋساق ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ئۆتكۈر ۋە ئاستا خاراكتېرلىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ . ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بولسا قوزغىلىشى توساتتىن بولىدۇ ، كىچىك تەرەت قىلغاندا كۆيگەندىكى تۇيغۇ بار ، ھەمدە سۈيدۈك يولىدا ئاغرىش بولىدۇ.  سوزۇلما دوۋساق ياللۇغى كېسەللىك ئالامەتلىرى ، ئۆتكۈر دوۋساق ياللۇغى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، ئەمما ، يۇقىرى قىزىتما ، كېسەللىك ئۇدا بىر قانچە ھەپتە ياكى ئارىلاپ قوزغىلىپ ، بۇنىڭ بىلەن كېسەل ، ماغدۇرسىزلىنىش ، ئورۇق , چات ئارىلىق رايون پەيدا بولغان بەل - قورساق نەيچىسى ھەم دوۋساققا تارقىلىدۇ .

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە سەپرالىق ئىسسىقتىن بولغان جىددىي كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئۆتكۈر دوۋساق ياللۇغى كېسەللىك توساتتىن باشلىنىپ، سۈيدۈك پات-پات قىستاش، ئېچىشىپ كېلىش، بەزىدە كۆيگەندەك ئېچىشىپ ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈكتە يىرىڭ بولۇش، سۈيدۈك دۇغ بولۇش، قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن؛ سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگەرگەندە بولسا، يۇقىرىقى ئالامەتلەر يەڭگىلرەك بولغاندىن تاشقىرى، دوۋساقتا ئاغرىش ۋە ئېغىرلىق بولۇش، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، سۈيدۈك تەستە چىقىش، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏