چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چاچنىڭ مەلۇم دائىرە ئىچىدە تۆكۈلۈپ چۈشۈش ( بۇ خىل كىسەل تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ھېچقانداق ئاغرىش، قىچىشىش ئەھۋاللىرى بولمايدۇ. بىر پارچە ياكى بىر قانچە يەردىكى چاچلار چۈشىدۇ، بۇ خىل چاچ چۈشۈش كۆپىنچە دۈگىلەك ياكى سوقىچاق شەكىللىك، گىرۋەكلىرى تەكشى بولىدۇ ) دىن ئىبارەت بىر خىل چاچ كىسەللىكى بولۇپ ، خەلق ئارىسىدا <يىلپىز يالاش يەنى شەيتان يالاش > دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ كېسەل بىر خىل ئۆزلۈكىدىن ئىممۇنىتېتلاش تىپىدىكى غەيرىي تاتۇق خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش كېسەللىكىدۇر،بەدەننىڭ چاچ ۋە تۈك بار ئورۇنلىرىدا دائىم كۆرۈلىدۇ ، دائىرىلىك تېرە نورمال بولىدۇ ،كېسەللىك ئالامىتى ئۆزىگە بىلىنمەيدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :دائىرىلىك چاچ چۈشۈش

ئاساسلىق ئالامىتى :مەلۇم ئورۇننىڭ چېچى تەڭگىسىمان تۆكۈلۈش، چاچ چۈشكەن ئورۇن يۇمشاق، پارقىراق، سىلىق بولۇش

جۇڭيى تىبابىتى نامى :دائىرلىك (تەڭگىسىمان) چاچ چۈشۈش

كېسەللىك سەۋەبى :چاچ يىلتىزىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچراش

خەنزۇچە نامى :斑秃

كۆپ كۆرۈلىدىغانلار :ياشلار، ئوتتۇرا ياشلار

تەۋە بۆلۈم :تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

كېسەللىك ئورنى :بەدەندىكى تۈك بار ئورۇنلار

خەنزۇچە باشقىچە نامى :圆形脱发,圆秃,鬼剃头

ئىنگلىزچە نامى :alopecia areata

كېسەللىك ھەققىدە

دائىرىلىك چاچ چۈشۈشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، چاچ يىلتىزىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كۆپىنچە بىر كېچىدىلا مەلۇم ئورۇننىڭ چېچى تەڭگىسىمان تۆكۈلۈش، چاچ چۈشكەن ئورۇن يۇمشاق، پارقىراق، سىلىق بولۇشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

 

چاچنىڭ مەلۇم دائىرە ئىچىدە تۆكۈلۈپ چۈشۈش ( بۇ خىل كىسەل تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ، ھېچقانداق ئاغرىش، قىچىشىش ئەھۋاللىرى بولمايدۇ. بىر پارچە ياكى بىر قانچە يەردىكى چاچلار چۈشىدۇ،  بۇ خىل چاچ چۈشۈش كۆپىنچە دۈگىلەك ياكى سوقىچاق شەكىللىك ، گىرۋەكلىرى تەكشى بۇلىدۇ ) دىن ئىبارەت بىر خىل چاچ كىسەللىكى بۇلۇپ ، خەلق ئارىسىدا <يىلپىز يالاش يەنى شەيتان يالاش > دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

      كىسەللىك سەۋەبى :

      خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن، بۇزۇق ماددىلار تۈك بەزلىرىگە تەسىر قىلىش سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىچكى ئاجراتما بەزلەر خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشى ، زەھەرلىنىش، ئىرسىيەت ئامىللىرى، شۇنداقلا روھىي ئامىللارنىڭ تەسرىدىنمۇ بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏