چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ ۋىتامىن Dنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بالىلار يانپاش سۆڭىكىنىڭ تەبىئىي سۈپەتتە قېتىشماسلىقىنى، نورمال ئۆسۈپ يېتىلمەسلىكى تۈپەيلىدىن باش ئالدى بۇلاقچىسىنىڭ پۈتۈشى ۋە چىش چىقىش كېچىكىش، توخۇ كۆكرەك ،«O» شەكىلدىكى ياكى «X» شەكىللىك غەيرى پۇت شەكىللىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :راخىت كېسىلى

ئاساسلىق ئالامىتى :توخۇ كۆكرەك بولۇپ قېلىش، پۇتلىرى ئىچىگە ياكى سىرتىغا ئېگىلىپ قېلىش، ئاشقازىنى ئاجىزلىشىش، كۆپ تەرلەش، باشنىڭ ئارقا تەرىپىنىڭ چېچى چۈشۈپ كېتىش

كېسەللىك سەۋەبى :بەدەندىكى ۋىتامىن D يېتىشمەسلىك

خەنزۇچە نامى :佝偻病

كۆپ كۆرۈلىدىغانلار :2 ياشتىن تۆۋەن ( بولۇپمۇ 3 ~ 18 ئايلىق ) بوۋاقلار

تەۋە بۆلۈم :بالىلار بۆلۈمى

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

ئىنگلىزچە نامى :rickets

كېسەللىك ھەققىدە

راخىت كېسىلى

راخىت كېسلى ۋىتامىن D كەملىك خاراكتېرلىك راخىت كېسىلىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ۋىتامىنD يېتىشمەسلىككەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك ئوزۇقلۇق ماددا يېتىشمەسلىك كېسىلى.ئۈچ ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بولغان كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. دەسلەپكىمەزگىلىدە تۇغۇلۇپ ئۈچ ئاي ئەتراپىدا كېسەللىنىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى غەيرىي خاسنېرۋا روھىي ئالامىتى مەسىلەن: تىت-تىت بولۇش، ياخشى ئۇخلىيالماسلىق، ئاسان چۆچۈش،كېچىدە ئاسانلا يىغلاش، مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتسىزلا كۆپ تەرلەش، بولۇپمۇ بوۋاقنىڭباش قىسمى كۆپ تەرلەپ، بېشىنى ياستۇققا تولا سۈركەپ، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى بىرقىسىم چاچ ئازلاپ كېتىدۇ. بۇ تېبابەتتە گەجگىدە چاچ قالماسلىق دېيىلىدۇ. ھەرىكەتقىلغان مەزگىلىدىكى ئاساسلىق ئىپادىسى: سۆڭەك ئۆزگىرىش ۋە ھەرىكىتىنىڭ يېتىلىشىئارقىدا قېلىش بولۇپ، سۆڭەك ئۆزگىرىش ئاساسلىقى باش سۆڭىكى يۇمشىشىش، چېكەسۆڭىكى(تەيياڭ پەللىسىنىڭ كەينى ئۈستى تەرەپ) ياكى گەجگە سۆڭەك(ئارقا مېڭەدۆڭچىسى) نىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى قول بىلەن يېنىك باسقاندا باش سۆڭىكى ئولتۇرۇشۇپكېتىۋاتقاندەك سەزگۈ بولىدۇ ھەمدە قويۇپ بېرىش بىلەن تەڭ ئەسلىگە قايتىدۇ. چاساباش. سۆڭەكسىمان توقۇلما ئۆسۈپ، ماڭلاي سۆڭەك ۋە چوققا سۆڭەكنىڭ ئىككى تەرىپىدىنقارىمۇ قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ گىرىپتار بولغۇچىنىڭ بېشىنى چاسا شەكىلدە كۆرسىتىدۇ.مېڭە ئالدى لىپىلدىقى چوڭىيىپ، پۈتۈشى كەينىگە سۈرۈلۈش، چىشىنىڭ چىقىشى كەينىگەسۈرۈلۈش، توخۇ كۆكرەك ياكى ۋارونكا كۆكرەك، ياكى، تەنھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭيېتىلىشى ئارقىدا قېلىش، ئاساسلىق ئىپادىسى باش بويۇن قىسمى ئاجىزلاش، ئولتۇرۇش،قوپۇش، مېڭىش قاتارلىقلارنىڭ يېتىلىشى ئارقىدا قېلىش، ئېغىر دەرىجىدە گىرىپتاربولغۇچىلاردا دائىم ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاش ھەمدە ئاسانلا يۇقۇملىنىش، ھەزىمئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار بىللە كېلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمايئۈچ ياشتىن ئېشىپ كەتسە دائىم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى سۆڭەك غەيرىيلىشىشكېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏