ئات(ھايۋانات) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئات-ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەڭ دەسلەپ قولغا ئۆگىتىلگەن ھايۋانلارنىڭ بىرى. ئاتنىڭ كۆندۈرۈلۈشى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىق. كۆپلىگەن ئارخېلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاتلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تارقالغان. ئاتنى كۆندۈرۈشمۇ ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ رايوندىن باشلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ رايوندا باشلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ رايوندا تارىختىكى «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» دەپ مەدەنىيەت دەۋرى بارلىققا كەلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئات

خەنزۇچە ئىسمى :

تارقالغان رايونلار :جوڭگو , موڭغۇلىيە , ئەرەب قاتارلىقلار

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى

تۈركۈمى :تاق تۇياقلىقلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئات ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئات ئۇرۇقدىشى

كىرىش سۆز

مەركىزىي ئاسىيادىكى تۇنجى ئات كۆندۈرگەن خەلق ھازىرغىچە ئاتنىڭ ئەڭ دەسلەپ قايسى قىتئە ۋە قايسى رايوندا پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلمىدى. بىراق ئاتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قولغا ئۆگتۈلگەنلىكى ۋە ئۇنى مىنىش تېخنىكىسىنىڭ مۇشۇ جايدا بارلىققا كەلگەنلىكىدىن خەلقئارادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىملار ئانچە گۇمان قىلمايدۇ. ياپونيىلىك تارىخ پەنلەر ئالىمى مىشىما يوجى «يىپەك يولىدىكى 99 سىر» ناملىق ئەسرىدە:«ئوتتۇرا ئاسىيادا تەخمىنەن بۇنىڭدىن 6000- 8000 يىل بۇرۇن ئۆتكەن بوستانلىق ۋادىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دەپ قارالغان بىر ئىز تېپىلدى. ئۇلار شۇ چاغدىن تارتىپلا ئائىلە ھايۋانلىرىنى بېقىشقا باشلىغان.... بوستانلىق ۋادىلاردىكى دېھقانلار ۋە كىچىك دائىرىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى، ناھايىتى ئۇزاق بىر دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسا كېرەك. يەكۈن قىلىنىشىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 10 مىڭ يىلنىڭ ئالدى- كەينىدە باشلانغان ئاتقا مىنىش تېخنىكىسى دېھقانلار بىلەن چارۋىچىلارنىڭ بۇ خىل يۆنىلىشىگە زور ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

 كۆچمەنلەرنىڭ كەڭ دائىردە تەشكىللىنىشى مۇقەررەر يوسۇندا دۆلەت شەكىللىنىشىنىڭ شەرت- شارائىتىنى تەدرىجى ھازىرلىدى . شۇنىڭ بىلەن قۇدرەتلىك كۆچمەنلەر گۇروھى تەدرىجى ھالدا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت تارىخىغا قەدەم قويدى...» دەپ كۆرسىتىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقى بايانلاردىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇندىن 10 مىڭ يىل بۇرۇنلا ئاتنى قولغا ئۆگىتىش ۋە ئۇنى مىنىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى ۋە شۇ ئاساستا ئۆز دۆلىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، رەسمىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ. دەرۋەقە، ئات ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىدا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانىدى. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئاتنى قولغا ئۆگەتكەندىن كېيىن، ئۇنى مىنىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، ئاتلارنى بىمالال باشقۇرالايدىغان بولغان (ئەمما بۇ ئارىلىقتا نەچچە مىڭ يىللار ئۆتكەنلىكى بىزگە نامەلۇم). بۇ ئەھۋال چارۋىدارلارنىڭ بۇرۇنقى كىچىك دائىرىدىن بىردىنلا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولغان.

چارۋىدارلار بۇرۇن 1000 تۇياق چارۋىنى ئاران باشقۇرغان بولسا، ئاتقا مىنىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن نەچچە مىڭ تۇياق مال- چارۋىلارنى باشقۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولۇپ، تۇرنۇشىدا ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرلەش بارلىققا كەلگەن. ئوت، سۇ ۋە يايلاقلارنى تالىشىشتا ھەر بىر كۆچمەن چارۋىچىلار گۇروھىنىڭ خالىغان جايلارغا قاراپ كېڭىيىش ئىمكانىيىتى پەيدا بولغان. يەنە بىرتەرەپتىن، ئاتتىن قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، قۇملۇق ۋە يايلاقلاردىكى تارقاق، كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەر ئارا بولغان ئۆز- ئارا ئالاقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 

بولۇپمۇ ئاتنىڭ ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئەسكەر كۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ بېرىشى ۋە نەچچە ئون كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بىر كۈندىلا بېسىپ بولۇشى قۇدرەتلىك ئاتلىق كۆچمەنلەرنى كېڭىيىپ تېخىمۇ زور تېررىتورىيىگە ئىگە قىلغان. يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاتنى قولغا ئۆگەتكەن ھەم ئۇنى مىنىش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچىلار ھونلار (بۇنىڭدىن 6000 يىل ئىلگىركى خۇنيۇ، گۈيفاڭ دەپ ئاتىلىشتىن بۇرۇن) لار بولۇپ، ئۇلار ئوقيا ئېتىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ ئاسىيا، ياۋروپا قىتئەسىدە خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە دەۋران سۈرگەن ۋە ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ئىمپېريىسىنى تىكلىگەن. 

سىماچىيەن يازغان (تارىخىي خاتىرىلەر. ھونلار ھەققىدە قىسسە) دە: «ھونلارنىڭ تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىيدىن بۇرۇنقى 200 يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەنگاۋزۇ ھازىرقى ئىچكى موڭغۇليىگە تەۋە داتۇڭ شەھىرىنىڭ يېنىدا 400 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن قورشاۋغا ئالغان، شەرقتىكى قورشاۋدا 100 مىڭ كۆك ئاتلىق، غەربتە 100 مىڭ ئاق بوز ئاتلىق، شىمالدا 100 مىڭ قارا ئاتلىق، جەنۇبتا 100 مىڭ قىزىل تۇرۇق ئاتلىق ئەسكىرى تۇرغان»، دېيىلگەن. ئەلۋەتتە تۆت خىل رەڭدىكى 400 مىڭ ئاتنى بىر نەچچە مىليون ئاتلارنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئېلىش مۇمكىن ئىدى. خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسىدە «غەربىي يۇرتتىكى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن مول، ھەممىسىنىڭ راۋاقلىق سېپىل- قەلئەلىرى، تېرىلغۇ يەرلىرى، چارۋا- ماللىرى بار. 

بولۇپمۇ ئاتلارنىڭ سانى ھەددى ھېسابسىز... ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھونلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرىدۇ...» دېيىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن موڭغۇلىيە دالاسىغىچە بولغان بىپايان تاغ قاپتاللىرى ۋە يايلاقلاردا ئوتلايدىغان ئاتلارنىڭ سانى چەكسىز ئىدى. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇرلار بېقىپ ئۆستۈرۈپ، يېتىشتۈرگەن ئۇچقۇر ئاتلار قەدىم- قەدىم زامانلاردىن تارتىپلا مەشھۇر ئىدى. دۇلدۇل دەپ ئاتالغان ئۇچقۇر ھەم زور ئاتلار مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى كىشىلەرنى مەپتۇن قىلغان. ئۇلار بۇ ئاتلارغا دۇلدۇل دەپ نام بەرگەنىدى. مىلادىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تاڭ سۇلالىسىغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇيغۇرلار باققان ئات ئېسىل نەسىللىك ئاتلاردىن بولۇپ، «ئۇيغۇر ئېتى» دېگەن ئالاھىدە ئىسىم بىلەن مەشھۇر ئىدى. شۇڭا، ئۇيغۇر خاقانلىرى ھەر يىلى يۈز مىڭلاپ ئاتلارنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگۈزۈپ، ئۇلاردىن ھەسسىلەپ پايدا ئالاتتى. «ئومۇمىي ئۆرنەكلەردىن رەتلەنگەن ۋەقەلەر».

 مىلادىيە 782- يىلى ئۇيغۇر خاقانى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى يۈەن شىيۇ غا غەزەپلىنىپ:«تاڭ سۇلالىسى ئاتلار ئۈچۈن ماڭا قەرىزدار، ئۇنىڭ باھاسى 800 مىڭ توپ تاۋار، ناھايىتى تېزدىن قەرىزنى قايتۇرسۇن» دەپ بۇيرىغان. تاڭ سۇلالىسى خانى دېزۇڭ 100 مىڭ توپ تاۋار، 100 مىڭ سەر ئالتۇن- كۆمۈش بىلەن بۇ قەرىزنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئىش شۇ چاغدا تاڭ دۆلىتىنىڭ دۆلەت مالىيەسىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپ دۆلەت خەزىنىسىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قىلشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ دۆلەتنىڭ نامراتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئومۇمەن قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا ئاتچىلىق ناھايىتى زور تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە گۈللەندۈرگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏