چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىمى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاساسەن قىشلىق ۋە يازلىق دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىلمۇ خىل ئاياغ كىيىملىرى ئىچىدە ئۆتۈك ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۆتۈك ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ «قەھرىمانلىق دەۋرى» دەپ ئاتالغان ئاتلىقلار مەدەنىيەت دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئاياغ كىيىم

خەنزۇچە ئىسمى :

ئۆتۈك ھەققىدە

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىمى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاساسەن قىشلىق ۋە يازلىق دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىلمۇ خىل ئاياغ كىيىملىرى ئىچىدە ئۆتۈك ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۆتۈك ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ «قەھرىمانلىق دەۋرى» دەپ ئاتالغان ئاتلىقلار مەدەنىيەت دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا موزدوزلۇق قەدىمكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر كەسىپلىرى ئىچىدە ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. «موزدۇز» سۆزى ئىران تىللىرىدىن ئۆزلەشكەن بولۇپ، ئۇ موزا-ئۆتۈك، دۇز-تىكمەك دېگەن ئىككى سۆزدىن تەشكىل تاپقان، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈكچى دېيىلگەن، ئۇيغۇر تىلىدا، موزدۇزلۇق كەسپىگە ئائىت ئاتالغۇلارنىڭ سانى يۈزگە يېقىن ئىكەنلىكى مەلۇم. ئادەتتە، ئۇيغۇر قول-ھۈنەر سەنئىتى كۆپرەك شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن. ئەمما موزدۇزلۇق شەھەرلەردىن تاشقىرى، يېزا-قىشلاقلارغىچە كەڭ يېيىلغان. 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا پۇتنى ئىسسىق ۋە نەمدىن خالىي قۇرۇق تۇتۇشنى ساغلاملىقنىڭ مۇھىم ئامىلى دەپ ھېسابلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەر-ئاياللار دېگۈدەك ئۆيىدىن تالاغا چىقسىلا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئۆتۈك ياكى مەسە-كالاچ، كېپىش كىيىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ كالىچى ئۆتۈك ياكى مەسىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ، كۆن(بۇلغار) ياكى خۇرۇمدىن مەخسۇس ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ناھايىتى ماسلاشقان. يەنى ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۆيىگە گىلەم، شىرداق ياكى كىگىز سېلىپ، ئۈستىگە مېھمان كۆرپىسى سېلىپ قويىدۇ. ئۆيگە كىرگەن ھەر قانداق بىر كىشىنى ھۈرمەت بىلەن كۆرپە ئۈستىگە باشلايدۇ. ئۇيغۇرلاردا مېھمانغا بولسا، ئاياغ كىيىمىنى سېلىپ كۆرپ ئۈستىگە چىقىدىغان ئادەت بولمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ رولىنى ئەنە شۇ كالاچ(كېپىش) ئوينىغان. دېمەك، كالاچ(كېپىش) نى سېلىۋېتىپ، پاكىز ئۆتۈك ياكى مەسە بىلەن ئولتۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئۆي ئىگىسىنىڭ كىگىز-كېچەكلىرى بۇلغانمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىل كالاچ ئۆتۈك ياكى مەسىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەتتە ياشلار مەسە-كالاچ كىيمەيدۇ. بۇنداق ئىسكىلاچ مەسىنى ياشانغان مويسىپىتلەر قىش-ياز دېگۈدەك پۇتىدىن ئاجراتمايدۇ. ھەرقانداق ئۆتۈك ياكى مەسە كىيگەنلەرنىڭ ھەممىسى يۇمشاق ئاق ماتادا پۇتىغا پايتىما ئورايدۇ. بۇ خىل پايتىما پۇتنى نەملىكتىن ساقلاپ، پۇت تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏