چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش نېرۋا ئۇچى ياللۇغى بولسا كۆپ خىل سەۋەبلەردىن بولىدىغان بولۇپ يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى، ئىرسىيەت قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان قول ۋە پۇت بارماقلىرىنىڭ سېزىمى يوقىلىش ياكى ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :نېرۋا ئۇچى ياللۇغى

ئاساسلىق ئالامىتى :مۇسكۇللار ئاغرىش ۋە ئىقتىدارى تۆۋەنلەش

كېسەللىك سەۋەبى :يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى

خەنزۇچە نامى :多发性末梢神经炎

تەۋە بۆلۈم :نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

كېسەللىك ئورنى :نېرۋا

ئىنگلىزچە نامى :peripheralpolyneuritis

كېسەللىك ھەققدە

نېرۋا ئۇچى ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى، ئىرسىيەت ۋە سەۋدا ماددىسىنىڭ غەيرىي نورماللىقى قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: قول ۋە پۇت بارماقلىرىنىڭ سېزىمى يوقىلىش ياكى ئاجىزلىشىش، بەزىلىرىدە سېزىمى ئېشىپ كېتىش، ئاغرىش، قولىشىش، ئېغىرلاشقاندا مۇسكۇللار ئاغرىش ۋە ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئاخىرىدا يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏