چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلەپ ياسالغان ئالاھىدە بىر «كارىۋات» بولۇپ، ئۇ «بۆشۈك» دەپ ئاتىلىدۇ. بۆشۈك قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بۆشۈكى قۇرۇلما جەھەتتىكى پۇختىلىقى، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى، ئومۇملىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بۆشۈك

خەنزۇچە نامى :维吾尔族摇篮

سىرتقى شەكلى

ئادەتتە بۆشۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئاتمىش نەچچە سانتىمېتر، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتر ئەتراپىدا، كەڭلىكى ئەللىك سانتىمېتر ئەتراپىدا بولۇپ پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بۆشۈك قۇرۇلمىسىغا ھەتتا بىر تال تۆمۈر مىخمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ. بۆشۈكنىڭ لايىھىلىنىشى جەھەتتىن، ئۇ ئىشلىتىش ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تولىمۇ مۇۋاپىق بولۇشتىن تاشقىرى، ئۇنىڭ ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى كۆركەم ۋە نەپىسلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئۇنى يەنە بىر خىل گۈزەل-سەنئەت بۇيۇمى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏