چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كىندىكى ياخشى بوغۇلماسلىق، ئېمىۋاتقان بالىلارنىڭ كۈچىنىپ كۆپ يىغلىشى نەتىجىسىدە، كىندىك ئاستىدىكى سېرىق ئەتنىڭ يىرتىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە يىغلىغان ۋاقىتلاردا، بەزىدە يىغلىمىغاندىمۇ كىندىكى چوڭلىرى تۇخۇمدەك، كىچىكلىرى چىلاندەك چوڭلۇقتا پۇلتىيىپ چىقىۋېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :يەل كىندىك

ئاساسلىق ئالامىتى :كىندىكى پۇلتىيىپ چىقىۋېلىش

كېسەللىك سەۋەبى :يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كىندىكى ياخشى بوغۇلماسلىق

خەنزۇچە نامى :脐脱垂

تەۋە بۆلۈم :تۇغۇت بۆلۈمى

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

ئىنگلىزچە نامى :prolapse of cord

كېسەللىك ھەققىدە

يەل كىندىكسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كىندىكى ياخشى بوغۇلماسلىق، ئېمىۋاتقان بالىلارنىڭ كۈچىنىپ كۆپ يىغلىشى تەسىرىدە كىندىك ئاستىدىكى سېرىقئەتنىڭ يىرتىلىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كۆپىنچە يىغلىغان ۋاقىتلاردا، بەزىدە يىغلىمىغاندىمۇ كىندىكى چوڭلىرى تۇخۇمدەك، كىچىكلىرى چىلاندەك چوڭلۇقتا پۇلتىيىپ چىقىۋېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

يەلدىن بولغىنىدا بالا يىغلىغاندا ۋە ئانىسى يەللىك تاماقلارنى يېگەندە كىندىك چىقىۋالىدۇ، باشقا ۋاقىتتا نورمالدەك تۇرىدۇ. تۇغما كىندىك چىقۇقى بولغاندا بالا تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ كىندىكى ئۇدۇلىدا سىرتقا پۇلتىيىپ چىققان بىر گۆش خالتا كۆرۈلىدۇ، سىرتقى تېرىسى پارقىراق ۋە نېپىز بولۇپ، ئىچىدىكى ئەزالارنى كۆرگىلىمۇ بولىدۇ. 

   بەزىدە جىگەر، ئاشقازان قاتارلىقلاردا ھەتتا خالتا ئىچىگە كىرىپ قالىدىغانلىرىمۇ ئۇچرايدۇ. كۆپ ھاللاردا خالتا قانچىلىك چوڭلۇقتا بولسا، قورساق ئىچىدە شۇنچىلىك ھەجىمىدە كەمتۈكلۈك كۆرۈلىدۇ. 

  بالا تۇغۇلۇپ كۆپ ھاللاردا 12 سائەتكىچە پۇلتىيىپ چىققان خالتا پەردىسىنىڭ يۈزى سىلىق، نەم، سۈزۈك ۋە پارقىراپ تۇرىدىغان بولىدۇ. كېيىن پارقىراقلىقى يوقۇلۇپ سىرتى قۇرغاقلىشىپ يىرىكلىشىدۇ، بەزىدە ئوڭايلا يېرىلىپ كېتىدۇ. ئىچكى ئەزالار سىرتقا پۇلتىيىپ چىقىپ، كېسەل بالا ھوشسىزلىنىش بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالىمۇ ئۇچرايدۇ. بەزى كىندىكى پۇلتىيىپ چىققان بالىلاردا مەقئەت پۈتەيلىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۇغما غەيرىلىكلەر قوشۇمچە كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏