چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تېرىدە ئۇششاق ئەسۋە كۆتۈرلۈش ئاساسىدا تىرە زەخىملىنىپ، ۋە قىچىشىپ تاتلىغاندا سېرىق سۇ چىقىدىغان سوزۇلما تىرە ياللۇغىدۇر، كۆپىنچە يۈز، قۇلاق ئارقىسى، بويۇن قاتارلىق ئەزالاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :ھۆل تەمرەتكە

ئاساسلىق ئالامىتى :قىچىشىش، سېرىق سۇ چىقىش

خەنزۇچە نامى :湿疹

تەۋە بۆلۈم :تېرە بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :تېرە

ئىنگلىزچە نامى :eczema

كېسەللىك ھەققىدە

3پارچەھۆل تەمرەتكەسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆتكۈر ئىسسىقلىقنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى، سېسىغان، چىرىگەن، بۇزۇلغان زەھەرلىك ماددىلار ۋە ھەرخىل جاراسىملارنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشىدىن قان خىلىتى بۇزۇلۇپ قان ئايلىنىش جەريانىدا تېرە ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلەر ۋە يەرلىك ئورۇننىڭ فىزىيولوگىيەلىك خىزمىتى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  • خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزلىشى بولۇپمۇ بەلغىمى شورنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  • زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  • ئىچكى ئاجرالما بەزلەر خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە ماددا ئالمىشىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ھۆل تەمرەتكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  • كېسەل ئوچىقىنىڭ يۇقۇملىنىشى.

  • نېرۋا ۋە روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرى.

  • سىرتقى ئامىللار تەسىرى.

  • تەن سۈپىتى.

  • يۇقۇملىنىش. 

ئالامىتى: كۆپىنچە يۈز، قۇلاق ئارقىسى، بويۇن قاتارلىق ئەزالاردا كۆپ كۆرۈلۈش بىلەن، دەسلەپتە كىچىك مۇدۇر پەيدا بولۇپ، قىزىرىپ قىچىشىش، تاتىلىغاندىن كېيىن مۇدىرلار بۇزۇلۇپ، سېرىق سۇ چىقىش، بارا-بارا كېڭىيىش، ئاقىۋەتتە يىرىڭلىق چاقىغا ئايلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كىلىنىكىلىق ئىپادىسى

ئۆتكۈر دەۋرى

كېسەل ئۆتكۈر قوزغالغاندا، پەيدا بولۇشى بىر قەدەر تىز، بەدەننىڭ ھەر قانداق ئورنىدا بولۇپمۇ ماڭلاي، جاۋغاي، تاشقى قۇلاق، گەۋدە تۆۋەنكى مۈچە، ئەۋرەت ساھەلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. تىرە زەخمىسى چەكلىك، دائىرىلىك ياكى پۈتۈن بەدەنلىك بولىدۇ.

دەسلەپ يەرلىك ئۇرۇن قىزىرىپ قىچىشىدۇ. ھەم سىمتىرىك ھالەتتە قىزغۇچ دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىپ، ئەسۋىلەر ئۆز ئارا تۇتىشىپ، زىچلىشىپ، كۆپ خىل زەخىملىنىشنى پەيدا قىلىپ چىگىرسىنى يوقىتىدۇ.

ئەسۋىلەر ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ، چوڭىيىپ، سۇلۇق قاپارتمىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. قىچىشىش ئېغىر بولغانلىقتىن سۈركەلگەندە ياكى تاتىلىغاندا قاپارتمىلار تېشىلىپ، كۆپ مىقداردىكى شىرلىك سۇيۇقلۇقلار سىرغىپ چىقىپ يەرلىك ئۇرۇندا شەلۋەرەشنى ھاسىل قىلىدۇ، ناۋادا ئىككىلەمچى يۇقۇملانسا، يىرىڭلىق قاپارتمىغا ئايلىنىدۇ. كىيىن سىرغىتما سۇيۇقلۇقلار قېتىشىپ، سېرىق ياكى يېشىل سېرىققا مايىل قەقەچلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. كىيىن ئاق رەڭلىك كېپەك پەيدا بولۇپ تەدرىجىي ياخشىلىنىپ 4-3ھەپتىدە ساقىيدۇ.

قايتا غىدىقلىنىشقا ئۇچۇرسا ئۆتكۈر قوزغىلىدۇ.

يېرىم ئۆتكۈر دەۋرى

ھۆل تەمرەتكەكۆپىنچە ئۆتكۈر دەۋىردىن قالىدۇ. كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر ئاز يەڭگىللىشىپ؛ قالىدۇ. بولۇپمۇ سىرغىتما سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا ئەسۋە ھەجىمى كىچىكلەپ، قاپارتما ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ئازىيىدۇ. ئەسۋە يېرىلغاندىن كىيىن ئاستى قىسىمى شەلۋەرەپ نەملىشىپ تۇرىدۇ. كىيىن قەقەچ تەڭگىچىلەر ھاسىل بولۇپ، قۇرۇپ، قېتىشىپ تۆكۈلىدۇ. جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر غىدىقلىنىشقا ئۇچۇرسا ئۆتكۈر دەۋرگە ئۆتىدۇ. لېكىن بۇ دەۋردە قىچىشىش سېزىمى يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە بولىدۇ.

سوزۇلما دەۋرى

 ئۆتكۈر ياكى يېرىم ئۆتكۈر دەۋرىدىكى ھۆل تەمرەتكىلەر ئۇزۇن مۇددەتكىچە قايتا-قايتا تەكرار قوزغىلىشى، ۋاقتىدا داۋالانماسلىق، ياكى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بىر خىل ھالەتتە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشى بىلەن سۇزۇلما ھۆل تەمرەتكىگە ئايلىنىدۇ. تېرىدىكى زەخمىلەر قارامتۇل قىزىل ياكى قارامتۇل كۈلرەڭدە بولۇپ، چىگىرىسى ئېنىق بولمايدۇ. تىرىلەر قېلىنلىشىپ سىرتقى يۈزى يىرىكلىشىپ كېپەكلىشىدۇ. قىچىشىش بەزىدە ئېغىر بەزىدە يەڭگىل بولىدۇ كېسەللىك جەريانى بىر نەچچە يىل داۋام قىلىدۇ. تەكرار قوزغىلىپ تۇرىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏