چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بالىلار سۈيدۈك يول تېشى-بالىلار بەدىنىدە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش ۋە ئانىنىڭ سۈتى بۇزۇلۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان دوۋسۇن ئەتراپىدا ئاغرىق پەيدا بولۇپ قېلىش، ئاسانلىقچە سىيەلمەسلىك سىيگەندە ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :بالىلار سۈيدۈك يول تېشى

ئاساسلىق ئالامىتى :سىيگەندە ئېچىشىش،قان سىيىش

كېسەللىك سەۋەبى :ئانىنىڭ سۈتى بۇزۇلۇش

خەنزۇچە نامى :小儿尿路结石

كۆپ كۆرۈلىدىغانلار :بالىلار

تەۋە بۆلۈم :تاشقى بۆلۈم

كېسەللىك ئورنى :دوۋساق, سۈيدۈك يولى , بۆرەك ۋە سۈيدۈك نەيچىسى

كېسەللىك ھەققىدە

3پارچەبالىلار سۈيدۈك يول تېشىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بالىلار بەدىنىدە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش ۋە ئانىنىڭ سۈتى بۇزۇلۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: دوۋسۇن ئەتراپىدا ئاغرىق پەيدا بولۇپ قېلىش، ئاسانلىقچە سىيەلمەسلىك، سۈيدۈك مېڭىۋېتىپ بىردىنلا توختاپ قېلىش، قاتتىق ئاغرىش، سىيگەندە ئېچىشىش، بەزىدە تاش سۈيدۈك يولىغا قاپلىشىۋالسا، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش ياكى بالىنىڭ سىيەلمەي كۈچەپ ئىنجىقلىشى نەتىجىسىدە، تاش سۈيدۈك يولىنى زەخىملەپ، قان سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏