چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دولان مەشرىپى ئاساسەن مەكىت، مارالبېشى، يوپۇرغا(تېرىم يېزىسى) ، ئاقسۇ ئاۋات، شايارنىڭ تارىم بويىدىكى يېزىلىرى قاتارلىق ناھىيە-رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى سەنئەت پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي نامى. دولان مەشرىپى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ كۆپ خىللىقلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :دولان مەشرىپى

خەنزۇچە نامى :多浪麦西莱甫

دولان مەشرىپى ھەققىدە

10پارچەدولان ئۇسۇلى رەسىمىدولان مەشرىپى ئومۇمەن دولان مۇقاملىرىنىڭ شەنىگە ئاتاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاممىۋى سەنئەت پائالىيتى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇزىكا، ناخشا-ئۇسسۇل، ھەر خىل ئەدەبىي ئويۇن ۋە قىزىقچىلىقلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇ «خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپى» دەپ ئاتالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏