چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى يانجىپ ئۇن قىلىپ، نان، ئۇنلۇق تاماق قاتارلىق پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان. مۇشۇ ئېھتىياج ئاساسىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپ سۇ تۈگمىنىنى كەشپ قىلغان. تۈگمەن ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ، ماددىي تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تۈگمەن

خەنزۇچە نامى :磨坊

ئومۇمىي چۈشەنچە

تارىخ تەتقىقاتچىلىرى تارىم بوستانلىقى ئەتراپلىرى دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانا ماكانلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەممىگە ئايانكى، تارىم بوستانلىقىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا شەھەرلىشىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن ئولتۇراق دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىگە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ تۈرى كۆپەيگەن. بۇ ھال دان ئايرىش ۋە يانجىش قوراللىرىنى تەقەززا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى يانجىپ ئۇن قىلىپ، نان، ئۇنلۇق تاماق قاتارلىق پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان. مۇشۇ ئېھتىياج ئاساسىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپ سۇ تۈگمىنىنى كەشپ قىلغان. تۈگمەن ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ، ماددىي تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.


يەنە بار