چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ كېسەللىك، تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ۋە ئىچكى ئەزالار ئامىللىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش، ئىككى-ئۈچ كۈنگىچە تەرەت كەلمەسلىك ۋە كۆڭۈل ئېلىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :قەۋزىيەت

ئاساسلىق ئالامىتى :ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش

كېسەللىك سەۋەبى :ئىچكى ئەزالار ئامىللىرى سەۋەبىدىن

خەنزۇچە نامى :大便不通

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

كېسەللىك ھەققىدە

3پارچەقەۋزىيەتبۇ كېسەللىك، تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ۋە ئىچكى ئەزالار ئامىللىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قەۋزىيەت ئۈچەينىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ ھەرىكىتىدە سۇسلۇق پەيدا بولۇش، ئۈچەينىڭ چىقىرىش ھەرىكىتى ئاجىزلىشىش، ئۈچەيلەردىكى جازىبە (غىزا جەۋھەرلىرىنى شۈمۈرۈپ قانغا ئەۋەتكۈچى) كۈچىنىڭ خىزمىتى ئارتىپ كېتىش، ئۈچەيدىكى ھۆللۈك ئازىيىش، جىگەردىكى سەپرا ماددىسى ئازىيىش، ئۈچەي سىپازمىلىنىش، ئۈچەي پالەچلىنىش، تەستە سىڭىدىغان تاماقلارنى كۆپ يېيىش، ھۇرۇنلۇق، جىسمانىي ھەرىكەتنى كۆپ قىلماسلىق، بەدەن چېنىقتۇرماسلىق، ئاچچىق، چۈچۈمەل نەرسىلەرنى كۆپ يېيىش، قېنىق دەملەنگەن چاينى كۆپ ئىچىش ئۇنىڭدىن باشقا ئاشقازان كېسەللىكلىرى، بوۋاسىر كېسىلى، سەمرىپ كېتىش، نېرۋا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ كېسىلى، تەرەتنى ئۆز ۋاقتىدا قىلماي يىغىپ يۈرۈش، ۋە سۇنى كەم ئىچىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش، ئىككى-ئۈچ كۈنگىچە تەرەت كەلمەسلىك ۋە كۆڭۈل ئېلىشىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  • چوڭ تەرەت ئۇزۇن مۇددەتتە بىر قېتىم كېلىدۇ ياكى نەچچە كۈندە بىر قېتىم قاتتىق، سېسىق پۇراقلىق، قارامتۇل قۇرۇق تەرەت كېلىدۇ. بەزىدە چوڭ تەرەت قاتتىق بولغاچقا مەقئەت يوللىرىنى زەخىملەندۈرۈپ قان ئارىلاش كېلىدۇ. گەندە ئۈچەيدە ئۇزۇن مۇددەت توختاپ قالغاچقا سېسىق يەل پەيدا قىلىپ قورساقنى كۆپتۈرىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر ۋە لەبلەبە (ئاشقازان ئاستى بېزى) ئۆز خىزمىتىنى ياخشى قىلالمايدۇ. نەتىجىدە ئادەمنىڭ تەبىئىتى (ئومۇمىي مىزاجى) سۇسلىشىدۇ. ئشىتىھا بۇزۇلىدۇ. تاماق يېگۈسى كەلمەيدۇ، گەندە بەدەنگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىپ كۆپىنچە ھاللاردا باش ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  • قان غالىب كەلگەن، تومۇرى قاتقان كىشىلەردىكى قەۋزىيەت تەرەت ۋاقتىدىكى ئىنجىقلاش، كۈچىنىش تۈپەيلىدىن خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

1. ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا چوڭ تەرەت قىلىشقا ئادەتلىنىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق بەدەن مۇشۇنىڭغا كۆنىدۇ ۋە بۇ ساقلىقنى ساقلاشقا پايدىلىق.

2. تاماقنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە خالىغان ۋاقىتتا تاماقلانماي، بەلكى بەلگىلىك ۋاقىتتا تاماقلىنىشقا ئادەتلىنىش، ئەڭ ياخشىسى كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يېيىش، مىقدارى بەك ئاز ياكى بەك كۆپ ياكى ھەمىشە بىر خىللا بولۇپ قالماسلىقى، ھەر كۈنى يېتەرلىك مىقداردا سۇيۇقلۇق ئىچىپ تۇرۇش، يېمەك –ئىچمەكلەردە ھايۋانىي ۋە نەباتىي (ئۆسۈملۈك) غىزالار مەسىلەن: ئۇن، گۈرۈچ، گۆش، ياغ ۋە ھەر خىل ئوتياش، مېۋە – چىۋە، تۇز ۋە باشقىلار يېتەرلىك مىقداردا بولۇشى لازىم. ياغسىز، كۆكتاتسىز تاماقلار ئاسانلا قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ. ھەر خىل كۆكتات، مېۋە – چىۋىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش ساقلىقنى ساقلاش ۋە قەۋزىيەت بولماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى.

3. تەنھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن : يۈگۈرۈش، توپ ئويناش، سەيلە قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ قەۋزىيەتنى يوق قىلىشىغا نىسبەتەن پايدىسى بار.

4. تاماكا چېكىش مېڭە-ئەسەب ۋە ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ، قەۋزىيەتكە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا تاماكا چەكمەسلىك كېرەك. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏