چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ كېسەللىك، بەدەندىكى سەپرا خىلىتىنىڭ غالىبلىقى، ئۆت ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، جىگەر تومۇرلىرى ياكى ئۆت يوللىرى توسۇلۇش ۋە بەدەن سارغىيىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان كۆز ئېقى، شىللىق پەردە ۋە تېرە سارغىيىپ كېتىش، سۈيدۈك قىزىل چايدەك كېلىش، چوڭ تەرەت رەڭسىز ئاق كېلىش، تېرە قىچىشىش، قۇرۇق ھۆ تۇتۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :يەرقان

ئاساسلىق ئالامىتى :تېرە سارغىيىپ كېتىش،تېرە قىچىشىش

كېسەللىك سەۋەبى :ئۆت ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى

خەنزۇچە نامى :黄疸

تەۋە بۆلۈم :ھەزىم قىلىش كېسەللىرى ئىچكى بۆلۈمى

خەنزۇچە باشقا نامى :显性黄疸

ئىنگلىزچە نامى :jaundice,icterus

كېسەللىك ھەققىدە

5پارچەيەرقانسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بەدەندىكى سەپرا خىلىتىنىڭ غالىبلىقى، ئۆت ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، جىگەر تومۇرلىرى ياكى ئۆت يوللىرى توسۇلۇش ۋە بەدەن سارغىيىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كۆز ئېقى، شىللىق پەردە ۋە تېرە سارغىيىپ كېتىش، سۈيدۈك قىزىل چايدەك كېلىش، چوڭ تەرەت رەڭسىز ئاق كېلىش، تېرە قىچىشىش، ئېغىز ئاچچىق، تەشنالىق ئېغىر بولۇش، قۇرۇق ھۆ تۇتۇش ۋە جىگەر ئەتراپىدا ئېغىرلىق ھېس قىلىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏