چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قارلىق ئويۇنى ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر. تۇنجى ياغقان قار خۇشاللىقىدا «قارلىق ئويۇنى» نى باشلايدۇ. بەزىلەر تۇنجى قار يېغىشتىن بۇرۇنلار «قارلىق» تاشلىنىدىغان ئۆينى نىشانلاپ قويىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :قارلىق ئويۇنى

خەنزۇچە ئىسمى :雪地游戏

قارلىق ئويۇنى ھەققىدە 

7پارچەقارقارلىق ئويۇنى ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر. بەزىلەر تۇنجى قار يېغىشتىن بۇرۇنلار «قارلىق» تاشلىنىدىغان ئۆينى نىشانلاپ قويىدۇ. تۇنجى يېغىۋاتقان ياكى تۇنجى قار يېغىپ توختىغان ھامان: 

قاردا قارلىق تاشلىدۇق،

بۇ ئويۇننى باشلىدۇق. 

يېڭى قارنىڭ خۇشلۇقىدا،

سىزگە قارلىق تاشلىدۇق. 

دەپ باشلانغان ۋە:

قارلىق ئاپارغان كىشىنى 

پەم بىلەن تۇتسىلا. 

يۈزلىرىگە قارا سۈكەپ. 

ئالدىمىزغا كەلسىلە.

دەپ ئاخىرلاشقان قارلىقنى يېزىپ، نىشانلانغان ئۆيگە يېقىن بولسا پىيادە، يىراق بولسا ئۇلاغلىق بېرىپ، قارلىقنى ئۆينىڭ بەلگىلىك بىر يېرىگە تىقىپ قويۇپ، ئۆيدىن چىقىۋېتىپ «پالان يەرگە قارلىق قويۇپ قويدۇم» دەپلا قاچىدۇ. قارلىق تاشلانغان ئۆيدىن بىر ئادەم ئۇنى قوغلايدۇ. ئەگەر ئۇنى تۇتۇۋالسا، ئۇنىڭ يۈز-كۆزىنى بوياپ، جۇۋىنى تەتۈر كىيىگۈزۈپ مەھەللىمۇ-مەھەللە ئايلاندۇرىدۇ. تۇتۇلۇپ قالغان تەرەپ ئالاھىدە مېھمان چاقىرىپ «قارلىق چېيى» ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەگەر قارلىق ئەكەلگۈچى تۇتۇلماي قېچىپ كەتسە، قارلىق تاشلانغان ئۆي قارلىق چېيى بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەھەللىدە قىش بويى «قارلىق چېيى» ئۈزۈلمەيدۇ. 

«قارلىق ئويۇنى» ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتكە سېغىنىشىدىن كېلىپ چىققان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏