چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ پائالىيەتلىرى كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن ئۇنۋېرسال سەنئەت ئادىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا ناخشا-ئۇسسۇلدىن تاشقىرى، مەشرەپكە «جان كىرگۈزىدىغان» خىلمۇ خىل خەلق ئويۇنلىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئويۇنلار شەرتلىك ھالدا مەشرەپ پائالىيەتلىرىدىلا ئوينالغاچقا، ئۇلار «مەشرەپ ئويۇنلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :مەشرەپ ئويۇنلىرى

خەنزۇچە ئىسمى :麦西来甫表演

مەشرەپ 

6پارچەمەشرەپمەشرەپنىڭ قويۇق مىللىيلىققا، كەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىكا ئالاھىدىلىكى روشەن ئىپادىلىنىدىغان نەغمە ئۇسسۇللاردىن تاشقىرى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ھەر خىل مەخسۇس قىزىق ئويۇنلارنىڭمۇ ئاينىلىدىغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. مەشرەپ ئوينىلىش شەكلى بويىچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەھەللىۋى ئالاھىدىلىككىمۇ ئىگە بولۇپ، تۈرىمۇ كۆپ، نامىمۇ ھەر خىل. مەسىلەن، دولان مەشرىپى، مېيلىس قېيىت، كۆك(مايسا) مەشرىپى، توي مەشرىپى، بەزمە دېگەنلەرگە ئوخشاش. بۇندىن باشقا ھېيىت-بايراملاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولتۇرۇشلار ۋە تونۇشۇش چېيى، خوشلىشىش چېيى، ناماقۇللۇق چېيى قاتارلىقلارمۇ مەشرەپ تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆڭۈل ئېچىش مەقسەت قىلىنغان. بۇ مەشرەپلەر ئىچىدە دولان مەشرىپى بىلەن تۇرپان، قۇمۇل مەشرەپلىرى(مېيلىس) ، كۆك(مايسا) مەشرىپىدە نەغمە-ماۋا، ناخشا-ئۇسسۇل ئاساس قىلىنغان بولۇپ، قوشۇمچە ھالدا كومىدىيە خاراكتېرلىك ئويۇنلار ئوينالسا، باشقىلىرىدا نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل، لەتىپە-چاقچاق ئاساس قىلىنغان بولۇپ، باشقا ئويۇنلار ئوينالمايدۇ. 

مەشرەپ-ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئىشتىن سىرتقى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى. مەشرەپ كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ۋە توي-تۆكۈنلەردە ئۆتكۈزۈلۈشتىن سىرت، قېرى-ياش، ئەر-ئايال ئارىلاشقان دائىرىدە نۆۋەت بىلەن بەلگىلىك قەرەلدە ئاخشاملىرى ئۆيلەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەشرەپ بەرگۈچى ساھىبخان مەشرەپ ئەھلىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ياخشى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چامىسىنىڭ يېتىشىچە داستىخان تەييارلايدۇ.

مەشرەپ بىر-بىرى بىلەن سىردىشىش، چۈشىنىش، دوستلۇقنى كۈچەيتىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىكى ئىنتايىن ياخشى سورۇن بولۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي مەزمۇنلار، لىرىكىلىق، ھېسسىياتقا باي نەپىس ھەرىكەت شەكىللىرى مەركەزلەشكەن بولىدۇ. مەشرەپ سىردىشىش، بېيىت ئېيتىشىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، قىزىقچىلىق قىلىشتەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تالانتلىق سازەندىلەر غېجەك، نەي، ناغرا-سۇناي، دۇتار، تەمبۇرلارنى چېلىپ نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ. مەشرەپكە قاتناشقان سورۇن ئەھلىنىڭ ھەممىسى مەشرەپنىڭ تەرتىپ ئىنتىزامىغا رېئايە قىلغان ھالدا خىلمۇ خىل شەكىلدىكى ئويۇنلارغا تولۇق ۋە قىزغىن قاتنىشىدۇ. 

مەشرەپ سورۇنىنى تېخىمۇ قىزغىن كەيپىياتقا كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەتەي ئۆز ئارا بىر-بىرىنى خاتالاشتۇرۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدىرۇپ، مەشرەپ ئەھلىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن جازاغا تارتىپ، ھەر خىل ئويۇن كۆرسىتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئارتىدۇ. شۇنداقلا، سورۇندا مەشرەپ قائىدىلىرىگە يات ھەر قانداق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىنى كىم بايقىۋالسا ئۇنىڭغا جازا بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. مەسىلەن، «دەررە ئۇرۇش» ، «ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش» ، «سامسا يېقىش» ، «سۈرەتكە تارتىش» ، «دەررىگە بېسىش» قاتارلىق قىزىق كومېدىيىلىك ھەم دىراماتىك تۈس ئالغان ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. بۇ ئويۇنلار تولىمۇ قىزىق، تولىمۇ كۈلكىلىك بولۇپ، بەزى جازا ھەرىكەتلىرى قويۇق تەنتەربىيە تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. مەشرەپ سورۇنىدا مەشرەپ ئىشتىراكچىلىرى ھوقۇقتا باراۋەر بولۇپ، يۇقىرىدىكى جازالارنىڭ بىرەرى بىلەن جازالاشقا توغرا كەلسە، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مەشرەپتە باشتىن-ئاخىر كۈلكە-چاقچاقلار ئۈزۈلمەيدۇ. مەشرەپ ئاخىرلاشقاندا، كېيىنكى قېتىمىقى مەشرەپ كۈنىنى، ئورنىنى بەلگىلىشىپ قايتىشىدۇ.

«قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ كېچىلىك ئولتۇرۇش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، توي-مەشرەپ ئۇيۇشتۇرىدىغان ئادىتى بار ئىدى. ئۇلار بىر يەرگە جەم بولغاندا، ئادەم سانى نەچچە مىڭ، ھەتتا نەچچە ئۇن مىڭغا يېتەتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ئوۋلىغان ھايۋانات ۋە قۇشلارنىڭ گۆشىنى ئوتتا پىشۇرۇپ، كاۋاپ قىلىپ، گۈلخان ئەتراپنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينايتتى، ناخشا ئېيتاتتى، ئەتراپنى سەيلە قىلاتتى» . 

بۇ تارىخىي مەنبەلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىجتىمائىي تەسىرى ھەمدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەجدادلىرىمىزىدىن قالغان بۇ ئەنئەنىۋى ئويۇن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا تېخىمۇ ساغلام، يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلۇپ، ئۇنى تېخىمۇ بېيىتىپ كەلمەكتە.

ھازىرقى دەۋردە مەشرەپ ئويۇنى جۇڭگودىكى 65 ئاز سانلىق قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدىكى سەنئەت ئويۇنلىرى قاتارىغا قوشۇلۇپ، مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇن تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. چۈنكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدە نۇر چېچىپ تۇرغان بۇ مەدەنىيەت تۈرى ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇش بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، يۈكسەك ماھارەتكە ۋە گۈزەل سەنئەت شەكلىگە ئىگە. 

مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى ئادەتتە ساز بىلەن تەڭكەش قىلىنىدىغان ئۇسۇللاردىن پەرق ئەتمەك تەس. مەسىلەن، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى يىزۇ مىللىتىنىڭ «ئاي ئۇسسۇلى» ، خەينەنداۋ ئۆلكىسىدىكى لىزۇ مىللىتىنىڭ «بامبۇك خادىدىن سەكرەش ئۇسۇلى» ، مياۋزۇلارنىڭ «نەي ئۇسسۇلى» ، «تۆت يۈزلۈك دۇمباق ئۇسسۇلى» قاتارلىقلار. بۇ ئۇسسۇللار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قېلىپ، بۈگۈنكى كەندە جەمئىيەتنڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەزمۇنلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، دەۋر روھىنى ئىپادىلەيدىغان مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بولۇپ قالغان. مەشرەپمۇ ئەنە شۇنىڭ مىسالىدىن ئىبارەت. 

دولان مەشرىپىدە ئادەتتە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق، ئەمگەك پائالىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان تۆت ئۆزگىرىشلىك «ئەمگەك ئۇسسۇلى» ئاساسلىق ئۇسسۇل بولۇپ، ئەر-ئايال كوللېكتىپ ئورۇندايدۇ. تۇرپان، قۇمۇل مەشرەپلىرىدە «پوتا ئۇسسۇلى» ئاساسلىق ئۇسسۇل بولۇپ، يەككە ھالدا قاتارى تەكلىپ قىلىش شەكلىدە ئوينىلىدۇ. قاتارى بەزمە-مەشرەپ، ئولتۇرۇشلاردا نەغمە-ناخشا، لەتىپە-چاقچاق ۋە ھەر خىل قىزىق ئويۇنلار ئاساس، ئۇسسۇل قوشۇمچە ئورۇندا بولۇپ ئەركىن ئۇسسۇل بولىدۇ.

بۇ مەشرەپ-بەزمە، ئۆلتۇرۇشلارنىڭ تەرتىپلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن تۈزۈلگەن بىر يۈرۈش «قائىدە-تۈزۈم» لىرى ۋە «خىزمەتچى-خادىم» لىرى بولىدۇ. بۇ «قائىدە-تۈزۈم» ، «خىزمەتچى-خادىملار» نى مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرى ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ تۈزۈپ چىقىدۇ، سايلايدۇ. بۇ «تۈزۈم-قائىدە» لەر مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرىنى ياخشى ئەخلاق، ياخشى پەزىلەتنى دوست تۇتۇشقا، تەرتىپلىك، ئەخلاقلىق بولۇشقا يېتەكلەش-رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. مەشرەپ «خىزمەتچى-خادىم» لىرى يىگىت بېشى، قازى، پاششاپ. . . دەپ ئاتىلىدۇ. مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرى ئادەتتە «ئوتتۇز ئوغۇل» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر «خىزمەتچى-خادىم» لار بولۇپمۇ قازى ئىقتىدارسىز چىقىپ قالسا، ئوتتۇز ئوغۇل ئۇلارنى ھار ۋاقىت ئەمەلدىن قالدۇرۇپ باشقىنى سايلايدۇ. «قائىدە-تۈزۈم» گە ئېغىر خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئوتتۇز ئوغۇل قاتارىدىن قوغلاندى قىلىدۇ، بۇ «قائىدە-تۈزۈم» مەشرەپكە كېچىكمەسلىك، سەۋەبسىز، رۇخسەتسىز كەلمەي قويماسلىق، راستچىل بولۇش، كەيىپ قىلماسلىق، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئاسراش، خوتۇن-قىزلارغا بىھۇدە چاقچاق قىلماسلىق قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. 

مەشرەپ ھەر يىلى كەچ كۈزدىن باشلاپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئوينىلىدۇ، ئادەم سانى 20-30 دىن ئاشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەھەللىدە مىجەز-خۇلقى كېلىشمەيدىغانلار بىر يۈرۈش بولۇپ ئوينايدۇ. ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە 18 ياشتىن تۆۋەنلەر مەشرەپكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. مەشرەپ قاتناشچىلىرىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرغاچقا، مەشرەپمۇ ھەر يىلى قايتا ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. باشقىدىن «سايلام» بولىدۇ. شۇ يىلقى مەشرەپ بىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن خالىس چاي ئۆتكۈزۈشى بىلەن ياكى ئوتتۇز ئوغۇل قاتارىغا يېڭىدىن بىرەر ياشنىڭ قوشۇلغانلىقى يۈزىسىدىن شۇ ياشنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان چاي مۇناسىۋىتى بىلەن باشلىنىپ داۋاملىشىدۇ. يېزىلاردا بىرەر ياشنىڭ مەشرەپكە قاتناشقانلىقى ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىپ شەرەپلىك ئىش دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا شۇ ياشنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىسى ئۈچۈن بىرەر مال سويۇپ ئوتتۇز ئوغۇلغا داستىخان سالىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏