چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ كېسەللىك، سوغۇق ھەم ھۆللۈكى ئارتۇق تاماقلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت يېيىش، جىسمانىي ھەرىكەت قىلماسلىق، يېگەن تاماق سىڭمەيلا سۇغا چۈشۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش قاتتىق ئاغرىش، باش ئېغىر بولۇش، بەدىنى ئاجىز، ئۆزى ھۇرۇن، ئۇيقۇسى كۆپ، ئۇنتۇغاق بولۇش، قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقى

ئاساسلىق ئالامىتى :باش قاتتىق ئاغرىش، باش ئېغىر بولۇش

كېسەللىك سەۋەبى :سوغۇق ھەم ھۆللۈكى ئارتۇق تاماقلارنى كۆپ يېيىش

كېسەللىك ئورنى :باش

كېسەللىك ھەققىدە

3پارچەبۆرەك ئورۇقلاشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سوغۇق ھەم ھۆللۈكى ئارتۇق تاماقلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت يېيىش، جىسمانىي ھەرىكەت قىلماسلىق، يېگەن تاماق سىڭمەيلا سۇغا چۈشۈش، مۇنچىغا كىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  • سوغۇق ھەم ھۆللۈكى ئارتۇق كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت يېيىش، جىسمانىي ھەرىكەت قىلماسلىق، يېگەن تاماقلار سىڭمەيلا سۇغا چۈشۈش، مۇنچىغا كىرىش، داۋاملىق كۆپ خىلدىكى ئالىي سورتلۇق تاماقلارنى يەپ كىرىمنى جىق، چىقىمىنى ئاز قىلىش قاتارلىقلار. شۇڭا مەزكۇر كىشىلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئالامىتى: باش قاتتىق ئاغرىش، باش ئېغىر بولۇش، كۆزگە بىر نەرسە قادالغاندەك تېلىپ ئاغرىش، بەدىنى ئاجىز، ئۆزى ھۇرۇن، ئۇيقۇسى كۆپ، ئۇنتۇغاق بولۇش؛ باشنى تۇتۇپ كۆرگەندە سوغۇق بىلىنىش، ئېغىز ۋە بۇرۇندىن شالۋاق كۆپ ئېقىش، سوغۇق ھاۋا ۋە نەرسىلەرنى خالىماسلىق، ئىسسىق نەرسىلەردىن راھەتلىنىش، تومۇرى توم، ئاستا، كۈچسىز سوقۇش، سۈيدۈكى ئاق ۋە قويۇق كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  • باش قاتتىق ئاغرىيدۇ ھەم ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. كۆزگە بىر نەرسە قادالغاندەك تېلىپ ئاغرىيدۇ. بەدىنى ئاجىز، ئۆزى ھۇرۇن، ئۇيقۇسى كۆپ، ئۇنۇتقاق بولىدۇ. باشنى تۇتۇپ كۆرگەندە سوغۇق بىلىنىدۇ. ئېغىز ۋە بۇرۇندىن شالۋاق كۆپ ئاقىدۇ. سوغۇق ھاۋا ۋە نەرسىلەرنى خالىمايدۇ. ئىسسىق نەرسىلەردىن راھەتلىنىدۇ. تومۇرى توم، ئاستا، كۈچسىز سوقىدۇ. سۈيدۈكى ئاق ۋە قويۇق كېلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏