چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مەقئەت ئاقمىسى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەقئەت ئەتراپىدا پەيدا بولىدىغان، يىرىڭلىق ئىششىق تۆشۈكى تولۇق ساقىيىپ كەتمىگەنلىكتىن كۆرۈلىدىغان، دائىم زەرداب سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان، ئاقما ئەتراپى قىزىرىپ، شەلۋەرەيدىغان، ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتمىسا يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :مەقئەت ئاقمىسى

ئاساسلىق ئالامىتى :داۋاملىق يىرىڭ ۋە زەرداب سۇ ئېقىپ تۇرۇش

خەنزۇچە نامى :肛瘘

كۆپ كۆرۈلىدىغانلار :20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغانلار

تەۋە بۆلۈم :مەقئەت - ئۈچەي بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :مەقئەت

ئىنگلىزچە نامى :anal fistula

كېسەللىك ھەققىدە

3پارچەمەقئەت ئاقمىسىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، مەقئەت ئەتراپىدا پەيدا بولغان ئۇششاق يىرىڭلىق ئىششىقلارنىڭ تولۇق ساقىيىپ كەتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  •  مەقئەت ئاقمىسى مەقئەت كۆتەن ئۈچەي ئەتراپىدا يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولۇپ، مەزكۇر يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئېغىز ئېلىشى ياكى يېرىلىپ داۋالاشتا داۋالاش توغرا تولۇق بولماي بىر ئاقما قانال شەكىللىنىپ قېلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئادەتتە ھەرقانداق جاراھەت بولۇپمۇ يىرىڭلىق جاراھەتلەر ساقىيىشقا قاراپ ماڭغاندا ئۇنىڭدا بىر قانالچە شەكىللىنىدۇ. قانالچىنىڭ يۈزىنى بىرخىل ئۆلۈك بىخلىما گۆش قاپلايدۇ. دااۋالىغۇچى ماھىر بولسا يارا قانىلى ئىچىگە گۆشخور دورىغا چىلانغان داكا تىقىدۇ، داكا كۈنىگە يەڭگۈشلەنسە، بۇ داكا يارا قانىلىدا بىخلىما گۆش ئۈندۈرگىلى قويمايدۇ. بۇنداقتا يارىنىڭ ئىچى تازىلىنىپ، ئىككى تەرەپتىكى گۆشلەر بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىپ ئاقما شەكىللەنمەي يارا ساقىيىدۇ، بۇنداق داۋالانمىسا بىخلىما گۆشلەر يارىنىڭ تولۇق ساقىيىشىغا دەخلى يەتكۈزۈپ، ئاقما تۆشۈك پەيدا قىلىدۇ. 
  • كۆتەن ئۈچەي-مەقئەت ئەتراپىدا يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولۇش، كۆتەن ئۈچەيدىكى جاراھەتلەر چوڭقۇرلىشىپ، بوۋاسىر پۈۋەكچىلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىپ يىرىڭلاشنىڭ نەتىجىسىدۇر. 

ئالامىتى: داۋاملىق يىرىڭ ۋە زەرداب سۇ ئېقىپ تۇرۇش، ئەتراپى شەلۋەرەش، قىزىرىش، ئاقما تۆشۈكى ئېتىلىپ قالسا ئىششىپ قاتتىق ئاغرىتىش، بەزىدە ياللۇغلىنىپ ئومۇمىي بەدەنلىك قىزىتما پەيدا قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  •  بىرىنچى، كۆتەن ئۈچەيگە يەتمىگەن ناسوردا داۋاملىق زەرداب ۋە يىرىڭلىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ ئىشتاننى بۇلغايدۇ. زەرداب سۇنىڭ غىدىقلىشى بىلەن ناسور ئەتراپى قىزىرىپ شەلۋەرەيدۇ، ھەتتا تەمرەتكە پەيدا بولىدۇ، ئاقما تۆشۈك ئېغىزى ئېتىلىپ يىرىڭ توسۇلۇپ قالسا ياكى ئۇفۇنەتلىنىپ ياللۇغ شەكىللەنسە قاتتىق ئاغرىيدۇ. بەزىدە بىمارنىڭ بەدەن ھارارىتى ئۆرلەيدۇ. بىمار تېنىدە بىرخىل بىتاپلىق ھېس قىلىدۇ. 
  • ئىككىنچى، كۆتەن ئۈچەي بىلەن ئۆتۈشمە شەكىللەنگەن بولسا، يۇقىرىدىكى ئومۇمىي بەدەنلىك ۋە يەرلىك ئالامەتلەردىن تاشقىرى تۆشۈكنىڭ بىر ئېغىزى كۆتەن ئۈچەيدە بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىدە ئاقمىدىن گەندە كېلىپ قالىدۇ-دە، يەل چىقىدۇ. 
  • يۇقىرىدىكى ئىككى خىلنى پەرقلەندۈرۈشتە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىمارنى چوڭقۇر نەپەس ئېلىشقا بۇيرۇپ مەقئەتكە پاختا قويۇلۇپ تۆۋەنگە چىڭقىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئەگەر ئۈچەيگە تۇتاشقان بولسا ئاقمىدىن يەل چىقىدۇ، تۇتاشمىغان بولسا يەل چىقمايدۇ. 
  • ئىنچىكە پاختا پىلتىگۈچ گۈل يېغىغا تەگكۈزۈلۈپ ئاقما تۆشۈككە ئاۋايلاپ تىقىلىدۇ، بىر بارماق مەقئەتكە تىقىلىپ پىلتىگۈچ ئۇچى ئىزدەپ كۆرۈلىدۇ، ئۈچەيگە تۇتاشقان بولسا، پىلتىچ ئۇچى بارماققا ئۇرۇنىدۇ، تۇتاشمىغان بولسا ئۇرۇنمايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏