چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بولكا بولسا ئاق ئۇن، تۇز . قۇلماق ، ئېرىتكەن قوي يېغى قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،ناھايىتى يىيىشلىك .

لازىملىق ماتىرياللار 

2پارچەلازىملىق ماتىرياللارئاق ئۇن ئۈچ كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. قۇلماق مۇۋاپىق، ئېرىتكەن قوي يېغى 175 گرام. 

تەييارلاش ئۇسۇلى 

2پارچەبولكا1.قۇلماقنى ئىلمان سۇدا ئېچىتىمىز. 

2.70 گرام ئاق ئۇننى قايناق سۇغا چېلىپ، سوۋۇتۇپ ئىلمان بولغاندا، ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ تۆت سائەت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنى ئېچىتىلغان قۇلماق سۈيىگە ئارلاشتۇرۇلىدۇ. 

2. بىرىنچى قېتىم: قۇلماق سۈيىگە ئارىلاشتۇرغان شىرىگە 500 گرام ئۇن سېلىپ سۇيۇق خېمىر قىلىپ، ئازراق بولدۇرىلىدۇ. خېمىر كۆپۈشكە باشلىغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ئۆرلەپ، ئۈچ قېتىم ياندۇرۇلىدۇ. 

ئىككىنچى قېتىم: ياندۇرۇلغان خېمىرغا بىر كىلوگرام، ئۇن سېلىپ ئىلمان سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ بىر سائەت بولدۇرۇلىدۇ. 

ئۈچىنچى قېتىم: بولدۇرۇلغان خېمىرغا ئىككى يېرىم كىلوگرام ئۇننى سېلىپ بىر يېرىم سائەت قويغاندىن كېيىن ئۇزۇنچاق ياكى دۈگىلەك بولكا ياساپ، ياغلانغان لىسقا سېلىپ، خېمىر كۆپۈپ چىققاندىن كېيىن، دوخاپكىغا سېلىپ يېرىم سائەت پىشۇرۇلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏