چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يارما پولۇ بولسا كۆممىقوناق يارمىسى ، پىياز ، گۆش ، زىرە ، ياغ ، تۇز ، سەۋزە قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ئۆزگىچە .

لازىملىق ماتىرياللار 

7پارچەلازىملىق ماتىرياللاركۆممىقوناق يارمىسى ئىككى كىلوگرام، پىياز بىر باش، گۆش 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، ياغ 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام. 

تەييارلاش ئۇسۇلى 

1. قوناق يارمىسىنى ئىلمان سۇدا پاكىز يۇيۇپ، قىزىق سۇغا چىلاپ 3-2 سائەت دۈملەپ يۇمشىتىلىدۇ. سەۋزە، گۆشنى قوناقتەك توغرىلىنىدۇ. 

2. خۇرۇچلارنى «شاد پولۇ» نىڭكىدەك قىلىپ قورۇپ، زىرە، تۇز سېلىپ، سۇنى كۆپرەك قۇيۇپ، گۈرۈچ ئورنىغا يارما سېلىپ 40-30 مىنۇت دۈملىنىدۇ. ئاش دۈملەنگەندىن كېيىن ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەن بىلەن داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏