چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چاۋا مانتىسى بولسا چاۋا ياغنىڭ نېپىز قىسمى ، قارىمۇچ ، پۇرچاق ئۇنى، قارا گۆش ، تۇز ، پىياز قاتارلىقلاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ناھايىتى ياخشى .

لازىملىق ماتىرياللار 

5پارچەلازىملىق ماتىرياللارچاۋا ياغنىڭ نېپىز قىسمى 500 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، قارا گۆش 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز 220 گرام. 

تەييارلاش ئۇسۇلى 

1. قوينىڭ ياكى كالىنىڭ قارا گۆشىنى گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ياكى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان پىياز، سوققان قارىمۇچ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز قوشۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. قوينىڭ چاۋا يېغىنىڭ نېپىز قىسمىنى قايناق سۇغا بېسىپ خام تەمىنى چىقىرىۋېتىپ، ئاش تاختىغا يېيىپ، بىر يېرىم سەرەڭگە قېپىچىلىك چوڭلۇقتا جىلت كېسىپ، ھەربىر جىلتنىڭ يۈزىگە چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سۈركەپ، بىر قوشۇقتىن قىيما سېلىپ مانتا تۈگۈپ، چاك يېرىنى چىلىغان پۇرچاق ئۇنى بىلەن يەملەپ، لېگەنگە تىزىپ ۋە چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ قاسقانغا سېلىپ 30 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏