چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بوستۇمبا كاۋاپ كاۋاپنىڭ بىر تۈرى بولۇپ پوستۇمبا ، ئاق ئۇن ، زىرە ، ئاقمۇچ ياكى قارىمۇچ ، پىياز ، زەرچىۋە ، سوققان لازا، تۇخۇم قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىپ ئادەتتىكى كاۋاپقا ئوخشاش قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ .

كېرەكلىك ماتېرىياللار

7پارچەكېرەكلىك ماتېرىياللارپوستۇمبا بىر دانە، ئاق ئۇن ئازراق، زىرە مۇۋاپىق، ئاقمۇچ ياكى قارىمۇچ ئازراق، پىياز بىر باش، زەرچىۋە ئازراق، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇخۇم بىر دانە.

تەييارلاش ئۇسۇلى

1. ياخشى تازىلانغان پوستۇمبىنى تەڭگىدەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا ئاق ئۇن، تۇخۇم، چانالغان پىياز، زەرچىۋە، ئاقمۇچ ياكى قارىمۇچ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت قويۇلىدۇ. 

2. بىر تال زىخقا 5-6 تالدىن ئۆتكۈزۈپ، پوستۇمبىنىڭ ياغلىق تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ كاۋاپدانغا قويۇپ، ئۈستىگە سوققان لازا، تۇز، سوققان زىرە سېپىپ ئۆرۈمەي قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ.

كاۋاپ پىشىپ، دورا-دەرمەكلەر سىڭىشىپ بولغاندا ئۆرۈپ، ئازراقلا قاقلاپ ئالساق بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏