چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ھەرىكىتى ئىنسانلارنىڭ ئەمگەك، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا تەدرىجىي ھاسىل بولغان. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىرى ھەققىدە رىۋايەتلىرى ۋە خاتىرىلىرى بار. 11

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئېغىرلىق كۆتۈرۈش

خەنزۇچە نامى :举重

تەرەققىيات تارىخى

7پارچەئېغىرلىق كۆتۈرۈشجۇڭگودا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە شاڭ يۈنىڭ تۆمۈر داڭقاننى كۆتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەت بار. 1880-يىلى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرىگە ئايلانغان. 1896-يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ يىلى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەينى چاغدىكى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە تەنھەرىكەتچىلەر دەرىجىگە ئايرىلمىغان، كۆتۈرۈش ئۇسۇلى بىر قولدا كۆتۈرۈش ۋە ئىككى قولدا كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولغان، نەتىجىسى ئايرىم-ئايرىم ھېسابلانغان. 1976-يىلىدىكى 21-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى ئون دەرىجىگە ئايرىلغان. ھازىر ئەرلەرنىڭ ئون دەرىجىسى: 54 ، 59، 64، 70، 76، 83، 91، 99، 108 كىلوگراملىقلار ۋە  108 كىلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەردىن ئىبارەت بولماقتا. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏