چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چاقپەلەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە باش باھار پەسلى(1-ئاي) دىكى يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويغان كۈندە ھېيت-بايرام كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :چاقپەلەك ئويۇنى

خەنزۇچە ئىسمى :风车游戏

چاقپەلەك ئويۇنى ھەققىدە 

چاقپەلەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە باش باھار پەسلى (1-ئاي) دىكى يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويغان كۈندە ھېيت-بايرام كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. بۇ كۈنلەردە دېھقان-چارۋىچىلار ئانچە ئالدىراش بولمىغاچقا، ئەنە شۇنداق توي-مەرىكە كۈنلىرىدە بۇ ئويۇن بىر نەچچە كۈن ھەتتا ئون نەچچە كۈنگىچە قىزغىن داۋام قىلىدۇ.

چاقپەلەك تەخمىنەن 15-20 مېت ئېگىزلىكتىكى خادا ياغاچقا ھارۋا چاقىنى كىيگۈزۈپ، چاقنىڭ ئۈستىگە ئىككى تال ياغاچ بىرگە جۈپلىنىپ باغلىنىپ ياسىلىدۇ. بۇ ياغاچ چاقنىڭ خادا ئۈستىدە مەزمۇت تۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئويۇنچىلار ئېسىلىپ تۇرىدىغان ئىلەڭگۈچ ئارغامچىلار شۇ چاق ئۈستىدىكى جۈپلىمە ياغاچقا مۇقىم بېكىتىلگەن بولىدۇ. 

چاقنى ئايلاندۇرۇدىغان يەنە بىر ياغاچ خادىنىڭ تۆۋىنىگە توغرىسىغا قىلىپ مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ توغرا ياغاچنىڭ ئىككى چىشى چاققا ئارغامچا بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ. توغرا ياغاچنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۆتتىن-سەككىزگىچە ئادەم تۇرۇپ، بىر خىل تېزلىك بىلەن ئوڭ يۆنىلىشكە قاراپ ئىتتىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى چاقمۇ بىللە ئايلىنىپ، چاققا باغلانغان ئىلەڭگۈچتىكى ئىككى «ئۇچقۇچى» ئاستا-ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ. چاق قانچىلىك تېز ئايلانسا، ئۇچقۇچىلارمۇ شۇنچىلىك تېزلىكتە ئېگىزگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇچۇش ئەۋجىگە چىققاندا، ئۇچقۇچىلار قىزغىن شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئالمىشىپ تۇرىدۇ. 

بۇ خىل ئويۇننىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە-تەرتىپى بولۇپ، يىگىت بېشى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ئەگەر ئويۇن تەرتىپىنى بۇزغۇچىلار چىقىپ قالسا، قائىدە-تەرتىپكە ئاساسەن كۆرسىتىلگەن سەۋەنلىكنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، يىگىت بېشى تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىدۇ. ئېغىر خىلاپلىق قىلغۇچىلار مەيداندىن ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏