چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش توشقان قوغلاش-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى بولۇپ، ھەر يىلى قىشنىڭ تۇنجى قار ياغقان كۈنىلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :توشقان قوغلاش ئويۇنى

خەنزۇچە ئىسمى :追兔游戏

توشقان قوغلاش ئويۇنى ھەققىدە 

توشقان قوغلاش-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى بولۇپ، ھەر يىلى قىشنىڭ تۇنجى قار ياغقان كۈنىلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى، تۇنجى قار ياغقان كۈنى دالىدىكى توشقان كۆپىنچە يېزىلاردىكى خۇسۇسىي ئاتلىرى بار دېھقانلار قاتنىشىدۇ. ئۇلار توشقان ئوۋلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئوۋ ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. توشقاننى قوغلاپ يېتىپ، چوماق، قامچا، بىلەن توشقاننى ئۇرۇپ يېقىتىدۇ. بەزى ئوۋ ماھىرلىرى تىرىكمۇ تۇتۇۋالىدۇ. بۇ ئويۇندا چوماق ئېتىش ئارقىلىق ھەممەيلەننى يېڭىۋالىدۇ. توشقان ئالغۇچى مەغرۇر قىياپەتتە ئالغان توشقىنىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىدۇ. بۇ خىل ئوۋ ئوۋلاش ساپ ئوۋ ئوۋلاش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى مەنىۋى تۇرمۇشنى جانلاندۇرىدىغان ئويۇن دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇنداق توشقان قوغلاش ئادەتتىكى ئوۋ ئوۋلاشقا ئوخشىمايدۇ. بۇرۇن يېزىلاردا بۇ ئويۇن ھەر يىلى تۇنجى ياغقان قاردىن كېيىن ئېلىپ بېرىلماي قالمايتتى. بۇ ئويۇن يېقىنقى يىللاردىن بىرى يەنە ئەسلىگە كېلىپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى جانلاندى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏