چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆپ تۈرلۈك دۇنياۋى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى

خەنزۇچە ئىسمى :奥林匹克运动会

ئىنگلىزچە نامى :Olympic Games

ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت :ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئۆتكۈزىدىغان ئورۇن :ھەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك كومىتېتى تەستىقلىغان دۆلەت ۋە رايون

مۇسابىقە تىپى :ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى

ئاساسلىق بېجىرگۈچى ئاپپارات :خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى

بارلىققا كەلگەن ئۇرۇن :قەدىمكى گرېتسىيىە

ئولىمپىك كۈنى :6-ئاينىڭ23-كۈنى

ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەققىدە 

6پارچەئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆپ تۈرلۈك دۇنياۋى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇ، قەدىمكى گرېتسىيىدە بارلىققا كەلگەن. قەدىمكى گرېتسىيە كۆپلىگەن پولىسلارغا (شەھەرلىك شتاتلارغا) بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرقايسى پولىسلاردا دائىم دېگۈدەك تەنھەرىكەت يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان. بۇ تەنھەرىكەت يىغىنلىرى بىر تەرەپتىن ئىلاھقا چوقۇنۇشتەك قويۇق دىنىي تۈس ئالغان، يەنە بىر تەرەپتىن پولىسلار ئارا ئۇرۇشلار بېسىقماي، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇ ھەربىي چېنىقىش خاراكتېرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇرۇش ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىگە توغرا كەلگەندە، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى چىقارغان. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى يەنە تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. كۆلىمى ئەڭ زور ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئافېنانىڭ غەربىي جەنۇبىغا 360 كىلومېتىر كېلىدىغان ئولىمپىيە كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇ يەردە ئىلاھلار شاھى دەپ نام ئالغان جىئوس ئىبادەتخانىسى بولغاچقا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىمۇ شۇ نام بىلەن ئاتالغان. 

تۇنجى نۆۋەتلىك قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 776-يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ. مىلادىيىنىڭ 393-يىلىغا كەلگەندە جەمئىي 293 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. رىم ئىمپېرىيىسى گرېتسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، رىم پادىشاھى چىئودوس خرىستىئان دىنىغا ئىتائەت قىلغاچقا، باشقا دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى مەنئى قىلغان. شۇڭا، تەنھەرىكەت يىغىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇشلار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. 1888 -يىلى فرانسىيە مائارىپشۇناسى كوبېرتىننىڭ تەكلىپى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تەنھەرىكەتچىلەر گرېتسىيىلىكلەر بىلەنلا چەكلەنمەي، ھەرقانداق دۆلەت تەۋەلىكى، ئىرق ۋە رەڭدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى رىقابەتچى بولۇپ قاتناشسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 1894-يىلى پارىژ خەلقئارا تەنتەربىيە مەجلىسى قارار چىقىرىپ، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە 1896-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئافېنادا تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، يىغىن مەزگىلى 16 كۈندىن ئاشمىغان. بۇ تۆت يىلنىڭ دەۋرىيلىكى «ئولىمپىيات» دەپ ئاتالغان. تەنھەرىكەت يىغىنى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزۈلمەي قالسىمۇ نۆۋەت قېتىمى ئىناۋەتلىك بولىۋەرگەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏