چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تەيجى مۇشتۋازلىقى چامباشلىقتىكى ئاساسىي مۇشتلىشىش خىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇرۇن «ئۇزۇن مۇشتۋازلىق» ، «يۇمشاق مۇشتۋازلىق» دەپ ئاتالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :تەيجى مۇشتۋازلىقى

خەنزۇچە ئىسمى :太极拳

تەيجى مۇشتۋازلىقى ھەققىدە 

3پارچەتەيجى مۇشتۋازلىقىتەيجى مۇشتۋازلىقى چامباشلىقتىكى ئاساسىي مۇشتلىشىش خىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇرۇن «ئۇزۇن مۇشتۋازلىق» ، «يۇمشاق مۇشتۋازلىق» دەپ ئاتالغان. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەنشىلىك خەلق چامباش ۋاڭ زۇڭيۆ قەدىمكى زاماندىكى مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر تەيجى پەلسەپىۋى قائىدىلىرىدىن پايدىلىنىپ مۇشتۋازلىقنى چۈشەندۈرۈپ، «تەيجى مۇشتۋازلىقى نەزەرىيىسى» نى يېزىپ چىققان. بۇ خىل مۇشتۋازلىق شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەيجى مۇشتۋازلىقى دەپ ئاتالغان. 

تەيجى مۇشتۋازلىقى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا، بىرمۇنچە مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئاساسلىقى چىن، ياڭ، ۋۇ، سۇن، ۋۇ ئۇسلۇبلىرىدۇر. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن ئاددىيلاشتۇرۇلغان تەيجى مۇشتۋازلىقى، 88 لىك تەيجى مۇشتۋازلىقى ۋە 48 لىك تەيجى مۇشتۋازلىقلىرى يېڭىدىن تۈزۈلدى. تەيجى مۇشتۋازلىقىنىڭ ئېقىملىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇسلۇب ۋە تېخنىكا تەلىپى ئاساسەن بىردەك بولۇپ، كۆڭۈل تىنچىپ، پىكىر يىغىلغان، نەپەس ئېلىش تەبىئىي، ھەرىكەت ئەۋرىشىم ھەم ئاستا، جانلىقلىقى مۇكەممەل، بىمالال ۋە تەمكىن، راست-يالغىنى ئېنىق بولىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏