چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگوچە شاھمات قارا، قىزىل ئۇرۇقلار ئىككى قوشۇنغا ۋەكىللىك قىلىپ، ئۆزئارا قارشىلىشىدىغان ئەقىل مۇسابىقىسى بولۇپ، پەن بىلەن سەنئەت ئۆزئارا بىرلەشكەن ھەرىكەتتۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭگوچە شاھمات

خەنزۇچە نامى :象棋

جۇڭگوچە شاھمات ھەققىدە

6پارچەجۇڭگوچە شاھماتجۇڭگوچە شاھماتنىڭ تاختىسى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، ئۈستىدە90 كېسىشمە نۇقتا بار، ئۇرۇقلار بۇ كېسىشمە نۇقتىلارغا قويۇلىدۇ. تاختىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تىك سىزىقلار تۇتاشتۇرۇلمىغان جاي «دەريا پاسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈستۈنكى تەرەپ بىلەن ئاستىنقى تەرەپ چاپراس سىزىق بىلەن تۇتاشقان جاي «توققۇزلۇق ساراي» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقلار جەمئىي 32 دانە بولۇپ، قىزىل ۋە قارا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، ئويۇنغاچۈشكۈچى ھەربىر تەرەپ بىر خىل ئۇرۇقنى تىزىدۇ. ھەرقايسىسىدا بىردىن شاھ، ئىككىدىن قاراۋۇل، ئىككىدىن پىل، ئىككىدىن ھارۋا، ئىككىدىن ئات، ئىككىدىن توپ، بەشتىن لەشكەر بولىدۇ. يۈرۈش ئۇسۇلىدا، بىر تەرەپ ئاۋۋال يۈرىدۇ، ئاندىن نۆۋەت بىلەن ئۇرۇق يۈرۈپ قارشى تەرەپنى «مات قىلسا» ، «بوغۇپ قويسا» ياكى قارشى تەرەپ يېڭىلگىنىگە تەن بەرسە، غەلىبە قىلغان بولىدۇ. يېڭىش-يېڭىلىش ئايرىلمىسا، تەڭ بولغان بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏