چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش2000 يىل ئىلگىرىلا گرېتسىيىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا كىشىلەر سۇ ئازگىلى، ئۆرۈلگەن تام، جىراغا ئوخشاش توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەندە بىر تال ئۇزۇن خادىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :خادىغا تاينىپ ئېگىزگە سەكرەش

خەنزۇچە نامى :撑杆跳高

تەرەققىيات تارىخى 

30پارچەخادىغا تاينىپ ئېگىزگە سەكرەش1866 -يىلى ئىنگلاندتا تۇنجى نۆۋەتلىك خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىنگلاند ماھىرى ۋىليام ياغاچ خادىدا 3.05 مېتىرلىق رېكورتنى ياراتقان. ئەينى ۋاقىتتا تەنھەرىكەتچىلەر قوشۇمچە يۈگۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانماي. تۆمۈر ئارىلىق خادا ئۇچىنى يەرگە سانجىپ، خادا بويلاپ يۇقىرىغا يامىشىپ ئاندىن توغرا بالداقتىن ئۆتكەن، كېيىن خەتەرلىك بولغانلىقتىن چەكلەنگەن.

خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش نەتىجىسىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى تەنھەرىكەتچى ئىشلەتكەن خادا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خادىنىڭ يېڭىلىنىپ تەرەققىي قىلىنىشى بۇ تۈرنىڭ ھەرىكەت نەتىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەڭ دەسلەپ ئىشلىتىلگىنى ياغاچ خادا بولۇپ، ئېغىرلىقى 6-8 كىلوگرام كەلگەن، بۇنداق خادا تاكى 1906-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەشنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ئامېرىكىلىق ساموسا ياراتقان  78.3 مېتىر بولغان. 1905-يىلى ياۋروپالىقلار جۇڭگو ۋە ياپونىيىدىن بامبۇك ئېكسپورت قىلغان. بامبۇك ياغاچ خادىدىن يەڭگىل، ئېلاستىكلىقى ياخشى بولغاچقا، خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش نەتىجىسىنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرگەن. 1912-يىلى ئامېرىكىلىق ۋارايت بامبۇك خادىدا 02.4 مېتىردىن ئۆتۈپ، خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان، شۇنىڭدىن كېيىن 10 ئادەم 16 قېتىم بامبۇك خادىدا دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1942-يىلى بولۇپ، نەتىجىسى 77.4 مېتىر بولغان، شۇنىڭ بىلەن بامبۇك خادىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئاياغلاشقان.

1930-يىلىدىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پولات خادا ۋە ئاليۇمىنلىق قېتىشما خادا بارلىققا كەلگەن، ئەمما مېتال خادىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولمىغان، نەتىجىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىمۇ ئاستا بولغان. پەقەت ئىككى قېتىملا دۇنيا رېكورتى بۇزۇلغان؛ بىر قېتىمىدا 78.4 مېتىر، يەنە بىر قېتىمىدا 80.4 مېتىر بولغان. 60-يىللارغا كەلگەندە، بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئەينەك تالالىق خادا بارلىققا كەلگەن، مانا بۇ، نۆۋەتتە ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان «نىلون خادا» دۇر. بۇ خىل خادىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن ئىككى كىلوگرام، ئېلاستىكلىقى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا، «ئېلاستىكلىق خادا» دەپمۇ ئاتالماقتا. شۇنىڭدىن كېيىن، خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەشنىڭ نەتىجىسى كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏