چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش رادىئو ھەرىكىتى رادىئو قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ياساش، رادىئودا تېز سۈرئەتلىك تېلېگرامما قوبۇل قىلىش ۋە يوللاش، رادىئو ئارقىلىق يۆنىلىش ئۆلچەش، رادىئو كۆپ تۈرلۈك ئالاقىسى ۋە ھەۋەسكارلار رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق بەش تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :رادىئو تەنھەرىكىتى

خەنزۇچە ئىسمى :无线电运动

رادىئو ھەرىكىتى

3پارچەرادىئو تەنھەرىكىتىبۇ − ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى بىلەن تەنتەربىيىنىڭ بىرلىشىشىنىڭ ھاسىلاتىدۇر. ئۇ تەنھەرىكەتچىدە بەلگىلىك رادىئو تېخنىكىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك جەھەتلەردىكى بىلىملەرنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتكە قاتناشقاندا، بەدەننى چېنىقتۇرغىلى ھەم رادىئو نەزەرىيىسى بىلىملىرى ۋە ياساش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

رادىئو ھەرىكىتى رادىئو قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ياساش، رادىئودا تېز سۈرئەتلىك تېلېگرامما قوبۇل قىلىش ۋە يوللاش، رادىئو ئارقىلىق يۆنىلىش ئۆلچەش، رادىئو كۆپ تۈرلۈك ئالاقىسى ۋە ھەۋەسكارلار رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق بەش تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رادىئو قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ياساش، رادىئو نەزەرىيىسى ۋە ياساش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار بىرلىككە كەلگەن بەلگىلىمىلەر بويىچە قاچىلاپ ياساش ۋە رادىئو ئۈسكۈنىلىرىنى تەڭشەپ سىنايدۇ، سۈرئىتى تېز، ئۈنۈمى ياخشى بولغانلار غەلىبە قىلىدۇ. رادىئودا تېز سۈرئەتلىك تېلېگرامما قوبۇل قىلىش قوبۇل قىلغاننى كۆچۈرۈش ۋە مورىز كودى تېلېگراممىسىنى يوللاش مەشىقلىرىنى مەزمۇن قىلغان. ئاتالمىش مورىز كودى «قۇرۇقلۇق كودى» دەپمۇ ئاتىلىپ، ئېلېكتر ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ ئۇلاش-ئۈزۈش، ئالماشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان خەۋەر پارولىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى ئامېرىكىلىق مورىز ئىجاد قىلغاچقا، شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. تېز سۈرئەتلىك تېلېگرامما قوبۇل قىلىش مۇسابىقىسىدە تېلېگراممىنى قوبۇل قىلىش سۈرئىتى تېز، خاتالىق ئاز بولغانلار غەلىبە قىلىدۇ. رادىئولۇق يۆنىلىش ئۆلچەش دېگىنىمىز رادىئو ئارقىلىق يۆنىلىش ئۆلچەش ئەسۋابىنى قورال قىلىپ، يوشۇرۇنغان قويۇپ بېرىش ئىستانسىسىنى ئىزدەپ تېپىش ھەرىكىتى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە رادىئو ئىستانسىلىرىنى كۆپ تاپقىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. قويۇپ بېرىش ئىستانسىسى ئەپچىل يوشۇرۇنغان بولغاچقا، ئاسان سېزىۋالغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇ «تۈلكە» دەپ ئاتىلىپ، يۆنىلىش ئۆلچەش ھەرىكىتى «تۈلكە تۇتۇش ھەرىكىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏