چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇدو بىر خىل ئېلىشىش خاراكتېردىكى قارشىلىشىدىغان ھەرىكىتى، مۇسابىقىدە ئىككى ئادەم ئەسۋابسىز، يالاڭ ئاياغ ھالەتتە قارشى تەرەپنى پالاسقا يىقىتسا ياكى قارشى تەرەپنىڭ دۈمبىسىنى پالاسقا 30 سېكۇنت تەگكۈزسە غەلىبە قىلغان بولىدۇ، يەنە قارشى تەرەپنىڭ جەينەك بوغۇمىدىن ۋە ياكى بويۇن ئارتېرىيىسىدىن تۇتۇۋېلىپ قارشى تەرەپنى يېڭىلگەنلىكىنى تەن ئېلىشقا مەجبۇرلاشقىمۇ بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جۇدو

خەنزۇچە ئىسمى :柔道

باشقا نامى :じゅうどう

جۇدو ھەققىدە 

4پارچەجۇدوجۇدو بىر خىل ئېلىشىش خاراكتېردىكى قارشىلىشىدىغان ھەرىكىتى، مۇسابىقىدە ئىككى ئادەم ئەسۋابسىز، يالاڭ ئاياغ ھالەتتە قارشى تەرەپنى پالاسقا يىقىتسا ياكى قارشى تەرەپنىڭ دۈمبىسىنى پالاسقا 30 سېكۇنت تەگكۈزسە غەلىبە قىلغان بولىدۇ، يەنە قارشى تەرەپنىڭ جەينەك بوغۇمىدىن ۋە ياكى بويۇن ئارتېرىيىسىدىن تۇتۇۋېلىپ قارشى تەرەپنى يېڭىلگەنلىكىنى تەن ئېلىشقا مەجبۇرلاشقىمۇ بولىدۇ. 

رۇداۋدىكى رۇ (柔) تېخنىكىلىق جەھەتتە قاتتىقلىق بىلەن يۇمشاقلىقنى تەڭ جارى قىلدۇرۇپ، يۇمشاقلىق ئارقىلىق بىلەن قاتتىقلىقنى يېڭىش، قارشى تەرەپنىڭ كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ قارشى تەرەپنى يىقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. رۇداۋدىكى داۋ (道) تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى جۇڭگو مۇشتۋازلىقى ياپونىيىگە تارقالغان، كېيىن ياپونىيىدە رۇشۇ (术柔) غا تەرەققىي قىلىپ، كۆپلىگەن مەزھەپلەرگە بۆلۈنگەن. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى جۇڭگو مۇشتۋازلىقى ياپون چامباشلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھەمدە ھەرقايسى رۇشۇ ئېقىملىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى قوبۇل قىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، جۇدو ھەرىكىتى يارىتىلغان. 1951-يىلى ياپونىيە، فرانسىيە قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا خەلقئارا جۇدو بىرلەشمىسى قۇرۇلغان، باش ئورگىنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە، ئەزا دۆلەتلەردىن 110 نەچچىسى بار. «جۇدو دۆلىتى» دەپ ئاتالغان ياپونىيىدە جۇدو «دۆلەت ماھارىتى» قىلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوغۇللارنىڭ چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرسلىكى. 1964-يىلى 5-ئايدا ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 18-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا جۇدو رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ھازىر خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەردە ئولىمپىكتىكى جۇدو مۇسابىقىسىدىن باشقا يەنە خەلقئارا جۇدو بىرلەشمىسىنىڭ تاق يىللاردا ئۆتكۈزىدىغان دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى(چوڭلارنىڭ) بىلەن جۈپ يىللاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ياشلار جۇدو لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بار. 1980-يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار جۇدو لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏